ب د ت دۇنيا نوپۇسىنىڭ 2050 - يىلى توققۇز مىلياردتىن ئاشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش دوكلاتىغا قارىغاندا، دۇنيا نوپۇسى 2050 - يىلى توققۇز مىليارد يۈز مىليونغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن.
تەكشۈرۈش دوكلاتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، گەرچە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە تۇغۇت نىسبىتى تۆۋەنلەپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما تەرەققى قىلمىغان دۆلەتلەردە تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتى ئاز دېگەندە بىر ھەسسە ئاشىدىكەن. بىر قىسىم نامرات دۆلەتلەردىكى ئاھالە ئۈچ ھەسسە قاتلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
ھازىرقى دۇنيا نوپۇسى 6 مىليارد بەش يۈز مىليونغا يېتىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىغا قارىغاندا، كېيىنكى 45 يىل ئىچىدە يېڭى قوشۇلىدىغان ئىككى مىليارد ئالتە يۈز مىڭ نوپۇسنىڭ يېرىمى خىتاي، پاكىستان، ھىندىستان، نىگىرىيە قاتارلىق توققۇز دۆلەتتە بولىدىكەن. (ئارزۇ)
©
2005 Radio Free Asia
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ب د ت يىغىنىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى مۇزاكىرە قىلىندى
- ب د ت، ئاپەت رايونىغا ياردەم بېرمەكچى بولغان دۆلەتلەرنى ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چاقىردى
- ھىندى ئوكياندىكى دېڭىز تاشقىنى ئاپىتىدىن كىيىنكى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋاملاشماقتا
- ب د ت باش سېكرىتارى كوفى ئاننان خىتايدا زىيارەتتە بولدى
- ب د ت كىشىلىك ھوقۇق تەكشۈرگۈچىلىرى خىتاينى ئەيىبلىدى