ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى نورۇزنى كۈتۈۋالدى

3 - ئاينىڭ 22 - كۈنى شىتابى ۋاشىنگتون شەھىرىگە جايلاشقان ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى پايتەخت يېنىدىكى شىمالىي ۋىرجىنىيە ئىجتىمائىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئېرنست مەدەنىيەت زالىدا داغدۇغىلىق نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

سائەت 5 تىن 11 غىچە داۋاملاشقان بۇ پائالىيەتكە ۋاشىنگتون ئەتراپىدا ياشايدىغان شۇنىڭدەك نيۇيورك ھەم باشقا شتاتلاردىن كەلگەن 200 يە يېقىن ئۇيغۇر قاتناشتى.

ئۇيغۇر قاتارلىق مەركىزىي ئاسىيادىكى تۈركىي ۋە پارس تىللىق خەلقلەرنىڭ قەدىمىي مىللىي بايرىمى ھېسابلىنىدىغان نورۇزنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلىگەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، نورۇز پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى شۇنىڭدەك بۇنداق خىلدىكى جامائەت پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇشنىڭ ، جامائەتنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشىنىڭ ئۆزارا ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىكنى ئاشۇرۇپ، مىللىي دەۋانى راۋاجلاندۇرۇشتا ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

نورۇز پائالىيىتىدە ياش ئۆسمۈرلەر شېئىرلار دېكلاماتسىيە قىلدى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىي قەھرىمانلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇيغۇر مىللىي كىملىكى، مىللىي مەۋجۇدىيىتى ھەم مۇستەقىللىقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماي، بۈگۈنكى كۈنىگىچە داۋاملىشىۋاتقانلىغى ھەم بۇنىڭدىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئەكىس ئەتتۈرىدىغان بەدىئىي پروگراممىلارنى كۆرسەتتى.

نورۇز پائالىيىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى - سىرتىدا ھەر يىلى ئېلىپ بېرىلماقتا. بىراق، بۇ قېتىمقى نورۇز پائالىيىتى تىبەتلەرنىڭ نارازىلىقلىرى باستۇرۇلۇپ، ئۇلار ئازاپ - ئوقۇبەتكە ئۇچرىغان بىر پەيتكە توغرا كەلگەنلىكى ئۈچۈن، نورۇز پائالىيىتى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى جەمىيىتى رەھبەرلىرى ئۆزلىرىنىڭ تىبەت خەلقىغە بولغان ھېسداشلىقىنىمۇ ئىزھار قىلغان. نورۇز پائالىيەتلىرى يەنە تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرى ھەم ياۋروپادىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى تەرىپىدىنمۇ ھەر خىل شەكىل ۋە مەزمۇنلاردا ئۆتكۈزۈلدى. (ئۈمىدۋار)