كەلگۈسى ئولىمپىكتا كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىمۇ تاللاش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەك

نيۇيورك شەھىرىگە جايلاشقان كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى، خىتاينى ئولىمپىك ساھىبخانلىقىنى ئېلىش مەزگىلىدە بەرگەن ۋەدىلىرىنى ئاقلاپ، كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرغان بولۇپ، فرانسىيە ئاگېنتلىقىدا نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىلىشىچە، خىتايدا نۆۋەتتە سادىر بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئولىمپىك بىلەن بىۋاسىتە باغلىنىشلىق ئىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە خەۋىرى
2008.07.24

 توكيودا زىيارەتتە بولۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىدىكى خىتايغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقات بىلەن شۇغۇللىنىدىغان پھەملىم كاين، بېيجىڭ ئولىمپىكى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىدار ھەمدە ئىنتايىن پاكىتلىق كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى تېخىچە شۇ پېتى ھەل قىلىنمايۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئولىمپىك يېقىنلىشىپ كېلىۋاتقان خىتايدا سادىر بولۇۋاتقان ئاخبارات ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىش، مەجبۇرىي كۆچۈرۈش، بېيجىڭلىق بولمىغانلارنى بېيجىڭدىن قوغلاش قاتارلىقلارنى ئەيىبلىگەن كاين ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز خەلقىنى غەرب مەتبۇئاتلىرىغا قارشى قۇترۇتۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنىمۇ تەنقىد قىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خەلقئارالىق ئولىمپىك كومىتېتىغا بىر تەكلىپ يوللىغان بولۇپ، تەكلىپتە، كەلگۈسىدە ئولىمپىككە ساھىبخان دۆلەتلەرنى تاللاشتا، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنىڭمۇ تاللاش جەريانىنىڭ بىر قىسمى بولۇشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.