دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغىدى


2007.08.03

مەركىزى گېرمانىيىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەنبە كۈنىدىن باشلاپ دۇنيا مىقياسىدا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتى قوزغايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىتنىڭ جۈمە كۈنى ئېلان قىلىشىچە، مەزكۇر ئورگان بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ھەرىكىتىنى شەنبە كۈنى گېرمانىيىنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىن باشلىماقچى ئىكەن.

دىلشات رىشىت، ئولىمپىكنىڭ ئاساسى تەلىپى ئىنسانىيەتنىڭ ئىززەت ھۆرمىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەتلىك قىلىشتۇر. خىتاي ئولىمپىك مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە خەلقئارا جەمئىيەتكە كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن. لېكىن خىتاي بۇ ۋەدىسىنى ئىجرا قىلمايلا قالماي، كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ ئىلگىرلەپ دەپسەندە قىلماقتا، دەپ كۆرسەتتى. ئۇ يەنە، " بىز خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى قانۇنسىز ۋاستىلەر بىلەن خالىغانچە تۇتقۇن قىلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر مەھبۇسلارغا تەن جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەيمىز " دەيدۇ.

دىلشات رىشىتنىڭ ئەسكەرتىشىچە، بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش ئولىمپىكقا قارشى چىققانلىق ئەمەس، بەلكى ئولىمپىك روھىنى ئاسراپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغانلىقتۇر. ئۇ، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختاتقانغا قەدەر داۋام قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىش پائالىيىتى ئامېرىكىدا 8 - ئاۋغۇست كۈنى باشلانماقچى. ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى پەيشەنبە كۈنكى باياناتىدا ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنى 8 - ئاۋغۇست كۈنى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ئالدىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈشكە چاقىردى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.