"خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى"


2007.08.06

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، 2008- يىللىقى بېيجىڭ ئولىمپىكىدىن بىر يىل بۇرۇن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقوق خاتىرىسىدە ياخشىلىنىش كۆرۇنمىگەنلىكىنى، ئەگەر خىتاي جىددىي ھەرىكەت قوللانمىسا، بۇ ئەھۋال خىتايغا، ئولىمپىك ھەرىكىتىگە ۋە پۈتكۈل دۇنياغا داغ تەككۇزىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى 6 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى بەرگەن مەلۇماتقا قارىغاندا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى باش كاتىپى ئىرىناخان: " خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىككە ساھىبخان بولۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشىۋالغاندىن كېيىن، ئولىمپىكنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغان بىر پۇرسەت بولۇپ قالىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. بېيجىڭ ئولىمپىككە بىر يىل قالدى. بىز ئولىمپىك تەييارلىق خىزمەتلىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا قارا كۆلەڭگە تاشلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز" دەيدۇ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئولىمپىكتىن بىر يىل بۇرۇن ئېلان قىلغان بىر ئاخباراتىدا، خىتايدا يەنە سوتنىڭ ھۆكۈمىسىز تۇتۇپ تۇرۇش، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى نەزەر بەنت قىلىش، مۇخبىرلارنىڭ ھەرىكەتلىرىنى چەكلەش قاتارلىق ئىشلارغا تەپسىلىي قاراپ چىققان ئىدى.

ئىرىناخاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەل مۇخبىرلىرىغا ئازراق ئەركىنلىك بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇچۇر ‏- مەلۇماتلارنىڭ تارقىلىشىنى قاتتىق قامال قىلغان.

ئىرىناخان يەنە مۇنداق دەيدۇ: " بۇ ئولىمپىك يىغىنىدىن پەخىرلىنىدىغان بىر پەيت ئىدى. ئەمما بۇ پەخىرلىك تۇيغۇغا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى بىلەن داغ تەگسە، بۇ خىتاي ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى، ئولىمپىك يىغىنى ئۈچۈن ھەمدە مەزكۇر يىغىنغا قاتناشقان خەلقئارا جامائەت ئۈچۈنمۇ ئىنتايىن يامان ."

خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتى كەچۈرۈم تەشكىلاتىنى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە ئىچكىرىلەپ قاراپ چىقىشقا رىغبەتلەندۈرگەن بولۇپ، ئىرىناخاننىڭ بىلدۈرۈشىگە قارىغاندا، كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرۈپ چىققان . ئەمدى خەلقئارا ئولىمپىك كومىتېتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىدىغان پەيتى يېتىپ كەلگەن. (جۈمە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.