كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتايدىن ئۆلۈم جازاسىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلدى
2007.06.07
ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلانغان " دىئالوگ فوندى جەمئىيىتى"نىڭ باشلىقى پەيشەنبە كۈنى، " ئەگەر بېيجىڭ دائىرىلىرى ئولىمپىكنىڭ غەلىبىلىك ئۆتكۈزۈلۈشىنى ئۈمىد قىلسا، ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشنى ئازايتىشى ھەمدە دارفۇردا يۈز بېرىۋاتقان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك " دەپ تەلەپ قىلدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقى دىئالوگ فوندىنىڭ رەئىسى كامنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، " ئولىمپىك مۇراسىمىنىڭ نەتىجىلىك ئۆتكۈزۈلۈشى، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى ئەڭ ئالىي نىشانى، چۈنكى بۇ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىدىكى سەتچىلىكلىرىنىڭ غەرب ئەللىرىدە قالدۇرغان ئىزنالارنىڭ ئۆچۈرۈلىشىگە ياردەم كۆرسىتىدۇ" دېدى.
دىئالوگ فوندىغا ئوخشاش ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلىماي تۇرۇپ، ئولىمپىك مۇراسىمى ئۆتكۈزۈشكە لايىق ھېسابلانمايدىغانلىقىنى تەكىتلەپ كەلمەكتە. بولۇپمۇ، چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر ۋە تىبەت تەشكىلاتلىرى، خىتاينىڭ ئولىمپىك ئۆتكۈزۈش سالاھىيىتىگە لايىق ئەمەسلىكىنى ھەم بۇ سالاھىيىتىنى بايقۇت قىلىشنى تەلەپ قىلماقتا.
ئولىمپىك مۇراسىمى ئۈچۈن جىددى تەييارلىق كۆرىۋاتقان خىتاي، سۇدانغا قورال - ياراق ئېكىسپورت قىلىش ھەمدە سۇداندىن نېفىت ئىمپورت قىلىش ھەرىكىتى بىلەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قاتتىق تەنقىدىگە دۇچ كەلمەكتە.
خىتاي سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.(ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتۈش تەشكىلاتى: خىتاي ئولىمپىك جەريانىدا ئاخبارات ئەركىنلىكىنى قويۇۋېتىش ۋەدىسىدە تۇرمىدى
- چ م ت مۇخبىرلارنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتنى زىيارەت قىلىش - قىلالماسلىقىغا ئېنىقلىما بېرىشنى تەلەپ قىلدى
- خىتاي، كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى " ناچارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ناچار" دۆلەتلەر تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى
- كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنى ئەيىبلىدى
- كانادا مەتبۇئاتلىرىدا بېيجىڭ ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى بايقۇت قىلىش مەسىلىسى مۇنازىرە قىلىنماقتا
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، بېيجىڭ ئولىمپىك يىغىنى خىتاينىڭ كىشلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى تەكشۈرىدىغان ياخشى پۇرسەت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى
- شىۋىتسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستېرلىكىنىڭ 2006 - يىللىق ئىنسان ھوقۇقلىرى ھەققىدىكى دوكلاتى
- خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى