كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئىراندىن ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلدى


2007.06.21

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتلىرىدىن بولغان كىشىلىك ھوقۇقنى كۈزۈتىش تەشكىلاتى پەيشەنبە كۈنى، ئىراننىڭ 18 ياشتىن تۆۋەن ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنى قەتلىئام قىلىشنى توختىتىشىنى تەلەپ قىلدى.

مەزكۈر تەشكىلاتنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىران دۇنيا بۇيىچە ياش ‏- ئۆسمۈرلەرنى ئۆلۈم جازاسى بىلەن ئەڭ كۆپ جازالايدىغان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، ئىراندا 2004 ‏- يىلىدىن بۇيان 18 ياشتىن تۆۋەن 17 ئۆسمۈر قەتلىئام قىلىنغان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يەنە، ئىراندا 15 ياشلىق بالىلارنىڭمۇ ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

2004 ‏- يىلىدىن بېرى، يەنە 3 دۆلەتتە ياش ‏- ئۆسمۈرلەرگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلگەن بولۇپ، سۇداندا ئىككى نەپەر ياش ‏- ئۆسمۈر ئۆلتۈرۈلگەن. بۇنىڭدىن باشقا خىتاي بىلەن پاكىستاندا بىردىن ياش ‏- ئۆسمۈر ئېتىپ تاشلانغان.

ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 5" ‏- فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى" نى باستۇرۇش جەريانىدا بىر مۇنچە ئۇيغۇر ياش ‏- ئۆسمۈرلىرىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.