ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوتتۇرا شەرققە قارىتا زىيارىتىنى باشلىدى
2008.01.08
ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورج بۇش، سەيشەنبە كۈنى تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللا گۈل بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، ئىراقنى قايتا قۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدىكى تېلېفون سۆھبىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ كەچتە ئوتتۇرا شەرققە قاراپ يۈرۈپ كەتكەن.
بۇ ئابدۇللا گۈلنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن ئامېرىكىدا بىرىنچى قېتىم زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇشنىڭ ئابدۇللا گۈل بىلەن ئۇچرىشىشىدىكى مۇھىم سۆھبەت تېمىسى ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد قوراللىق كۈچلىرىگە ھۇجۇم قىلىش مەسىلىسى بولۇپ، ئۇنىڭدىن باشقا ئافغانىستان مەسىلىسى ۋە تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ مۇزاكىرىلەر بولغان.
ئوتتۇرا شەرققە يۈرۈش ئالدىدا بۇش مەخپىي تېلېفون سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ ئىراقتىكى ئامېرىكا ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ۋەزىپىلىرى ۋە قايتا قۇرۇلۇش ئىشلىرى ئۈستىدە مۇھىم يوليورۇقلىرىنى بەرگەن. بۇش بۇ قېتىملىق ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى ئىسرائىلىيىدىن باشلىماقچى بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ پرېزىدېنتلىق مۆھلىتى توشۇش ئالدىدىكى ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان ئەڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك، تەۋەككۈللۈك سەپىرى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بۇش ئوتتۇرا شەرق سەپىرىدە يەنە پەلەستىن، كۇۋەيت، ئەرەپ بىرلەشمە خەلىپىلىكى،سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم مىسىرلاردا توختاپ ئۆتمەكچى.
بۇشنىڭ ئوتتۇرا شەرققە قاراتقان بۇ زىيارىتى11 - ئايدا ئامېرىكىدا ئېچىلغان ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتىدىن كېيىن ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى تىنچلىق ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە رىغبەتلەندۈشنى ھەمدە ئەرەپ دۆلەتلىرىنىڭ ئىسرائىلىيە پەلەستىن تىنچلىقىغا بولغان ياردىمىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. شۇنداقلا بۇ بۇشنىڭ تۇنجى قېتىم ئامېرىكا پرېزىدېنتلىق سالاھىتى بىلەن ئىسرائىلىيە ھەم پەلەستىندە زىيارەتتە بولۇشىدۇر.ئۇ بۇ جەرياندا ئىران ۋە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرىلەرگە قاتنىشىدۇ.
بۇش ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلاشتىن بۇرۇن، يەنى ۋاشىنگتوندىن ئايرىلىش ئالدىدا، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىقىنىڭ شەرتلىرى پىشىپ يېتىلگەنلىكىگە ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن بۇ زىيارىتىنى باشلىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ھەمدە "ئوتتۇرا شەرق ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئەڭ مۇھىم ئىستىراتېگىيىلىك رايون، مەن بۇ قېتىملىق زىيارىتىمنى باشلاشقا تەقەززا"دەپ بىلدۈرگەن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پرېزىدېنت بۇش ئوتتۇرا شەرقنى زىيارەت قىلىدۇ
- سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمىنىڭ بىر يىللىقى
- ئىسرائىلىيە خاماس بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە قارشى
- 'خىتايدا ياسالغان سەككىز باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېررورچىلار سەئۇدى ئەرەبىستانىغا ئېلىپ كەلگەن' دېگەن قانداق مەسىلە؟
- خەلقئارا جەمئىيەت ئىران مەسىلىسىنى قايتا باھالىشى مۇمكىن
- كاندىلىزا رايس: ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن
- ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق سۆھبىتى باشلاندى
- مىسىر ۋە تۈركىيە رەھبەرلىرى ئوتتۇرا شەرىق بىرلەشمە يىغىنىغا قاتناشماقچى
- ئىئوردانىيە پادىشاھى ئابدۇللا خىتايدا زىيارەتتە
- كوندالىزا رايس ئوتتۇرا شەرق زىيارىتىنى باشلىدى