خەلقئارا جەمىيەت ئوتتۇرا شەرقتە ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلماقتا


2006.07.31

ئىسرائىلىيىنىڭ لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇملىرى 20-كۈنگە قەدەم قويغان بۇ كۈنلەردە خەلقئارا جەمىيەت ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىنى ھەل قىلىپ، تىنچلىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ئىنتىلمەكتە.

ئىسرائىلىيە نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۈچەيمەكتە

liwan-israil-150.jpg
بىر لىۋانلىق كىشى ئىسرائىلىيىنىڭ 30 – ئىيۇل لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى قانا رايونىدا ئېلىپ بارغان پارتلىتىشىدا ئۆلگەن بىر كىچىك قىزنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ۋارقىرىماقتا.AFP

30- ئىيۇل كۈنى ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرىنىڭ لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى كانا شەھىرىدىكى بىر ئۈچ قەۋەتلىك بىنانى بومباردىمان قىلىش نەتىجىسىدە 57 تىنچ پۇقرانىڭ ئۆلۈش ۋەقەسى كېلىپ چىققاندىن كېيىن، خەلقئارا جەمىيەتنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىگە بولغان دىققىتى تېخىمۇ قوزغالدى. ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىسنىڭ لىۋانغا ئېلىپ بارماقچى بولغان زىيارىتى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى ھەمدە لىۋان باش مىنىستىرى ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختاتمىغىچە ئۆزىنىڭ ئوتتۇرا شەرق كرىزىسىنى ھەل قىلىش سۆھبىتىگە قاتناشمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. يەكشەنبە كۈنى يەنە بېيرۇتتىكى ب د ت بىناسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى يۈز بېرىپ، بىر توپ كىشىلەر بىناغا بېسىپ كىرىش بىلەن قالايمىقانچىلىق كېلىپ چىقتى.

كانا شەھىرىدىكى قانلىق ۋەقەدىن كېيىن، يەكشەنبە كۈنى ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى جىددىي يىغىن ئېچىپ، بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا بىگۇناھ تىنچ پۇقرالارنىڭ ئۆلتۈرۈشىلىشى قاتتىق ئەيىبلەنگەن. ب د ت باش كاتىپى كوفى ئاننانمۇ بۇ ۋەقەنى ئەيىبلەپ، بىخەتەرلىك كېڭىشىنى چارە قوللىنىپ، لىۋان بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە چاقىرغان. ئەمما، بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ بىرلەشمە باياناتىدا دەرھال ئۇرۇش توختىتىشنى تەلەپ قىلىش ھەققىدىكى مەزمۇنلار يوق بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ، بىخەتەرلىك كېڭىشىدىن ئۇرۇش توختىتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان.

ئىسرائىلىيە ئۇرۇش توختىتىشنى رەت قىلىشى مۇمكىنمۇ؟

بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ يىغىنى جەريانىدا كۆپلىگەن دۆلەتلەر ئىسرائىلىيىنىڭ بۇ قىلمىشىنى تەنقىد قىلغان. ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ئورمۇت بولسا، كانا بومباردىمانىدا تىنچ پۇقرالارنىڭ ئۆلۈپ كېتىشىگە ئېچىنغان بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارا جەمىيەتنىڭ دەرھال ئۇرۇش توختىتىش تەلىپىنى رەت قىلغان.

بب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، فرانسىيە ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ھەققىدە بىر لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان شۇنىڭدەك يەنە فرانسىيە ھەم تۈركىيە ئۇرۇش توختىمىغان ئەھۋال ئاستىدا لىۋانغا تىنچلىق ساقلاش قوشۇنلىرىنى ئەۋەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى بولسا، ئىسرائىلىيىنىڭ كانادا بىگۇناھ ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى ۋە باشقىلارنى مىسال قىلىپ، ئۇنى ئۇرۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن.

ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندا لىزا رايىس ئىسرائىلىيىنى زىيارەت قىلىپ، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى ۋە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇرۇش توختىتىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلغان. كوندا لىزا رايىس ئامېرىكىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن ئىسرائىلىيە بىلەن لىۋاننىڭ بۇ ھەپتىدە دەرھال ئۇرۇش توختىتىشى ھەققىدە قارار لايىھىسى قوبۇل قىلىشىنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، ئەنگىلىيە باش مىنىستىرى تونىي بلايىرمۇ" بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا مەزكۇر ئۇرۇش توختىتىش قارارىنى قوبۇل قىلىشقا ھەر تەرەپتىن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە بېسىم ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كوندا لىزا رايىس دۈشەنبە كۈنى ئىسرائىلىيىدىن ئايرىلىش ئالدىدا ئۆزىنىڭ بۇ ھەپتىدە ھىزبۇللا بىلەن ئىسرائىلىيىنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەگەر، بىخەتەرلىك كېڭىشى قارار قوبۇل قىلسا، لىۋانغا تىنچلىق ساقلاش قىسىملىرى كىرىدىكەن.

ئىسرائىلىيە 48 سائەت بومباردىمان قىلىشنى توختاتتى

ئىسرائىلىيە خەلقئارا جەمىيەتنىڭ بەسىمى ئاستىدا دۈشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىغا قاراتقانھاۋا ھۇجۇملىرىنى 48 سائەت توختىتىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭ ئۇرۇش توختىتىش ئەمەسلىكىنى ئېلان قىلدى. ئەمما، لىۋان تەرەپ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ دۈشەنبە كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 1- دە سۈرىيىگە چېگرىسىدىن بەش كىلومېتىر جايغا ھاۋادىن ھۇجۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنى ئىنكار قىلغان. ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى دۈشەنبە كۈنى لىۋاننىڭ جەنۇبىدىكى بەزى جايلارنى بومباردىمان قىلغان بولۇپ، ئىسرائىلىيە تەرەپ بۇنىڭ ئىسرائىلىيە ئارمىيىسىنىڭ ھىزبۇللا بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقان قۇرۇقلۇقتىكى ئۇرۇشىغا ياردەم كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن.

رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، فرانسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فىللىپ دۇست بلازى دۈشەنبە كۈنى لىۋانغا يېتىپ كېلىپ، فرانسىيىنىڭ كرىزىسنى ھەل قىلىش تەكلىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇ، سۆزىدە، فرانسىيىنىڭ مەسىلىگە تۇتقان پوزىتسىيىسىنىڭ ئامېرىكىدىن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، باشتىلا ئۇرۇش توختىتىش ئۈچۈن سۆھبەت يولىنى قوللىنىشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

رۇسىيە ھىزبۇللا بىلەن ھامماسنى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىمىدى

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىسرائىلىيە ئارمىيىسى بىر تەرەپتىن لىۋانغا قاراتقان ھۇجۇمىنى ۋاقىتلىق توختاتسىمۇ، لېكىن يەنە بىر تەرەپتىن پەلەستىننىڭ غەززە رايونىدىكى ھامماس قوراللىق كۈچلىرىنىڭ نۇقتىلىرىنى بومباردىمان قىلىشنى داۋاملاشتۇرغان. يەكشەنبە كۈنى كەچتە ئىسرائىلىيە ھاۋا ئارمىيىسى غەززەدىكى ئىككى قورال ياراق ئىسكىلاتىنى بومباردىمان قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىسرائىلىيە بىلەن ھىزبۇللا ئارىسىدىكى ئۇرۇشلار كۈنسايىن كۈچىيىپ، ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى مۇرەككەپلىشىۋاتقان بۇ كۈنلەردە رۇسىيە ھۆكۈمىتى بىر خەلقئارالىق تېررورلۇق تەشكىلاتلارنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇنىڭدا تالىباننى ئۆز ئىچىگە ئالغان 17 تەشكىلاتنىڭ رۇسىيىدىكى ھەرىكىتىنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى جاكارلانغان.. بىراق، بۇ تىزىملىككە ئامېرىكا تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەۋاتقان ھىزبۇللا تەشكىلاتى ھەم ھامماس تەشكىلاتى كىرگۈزۈلمىگەن.

رۇسىيە رەھبەرلىرى ھامماسنى پەلەستىن سايلىمىدا غەلىبە قازانغاندىن كېيىن، موسكۋاغا تەكلىپ قىلغان بولۇپ، بۇ جەھەتتە ئامېرىكا بىلەن زىتلىشىپ قالغان ئىدى. بۇ قېتىم رۇسىيە يەنە ئىسرائىلىيە قوشۇنلىرى بىلەن ئۇرۇش قىلىۋاتقان ھىزبۇللانى تېررورلۇق تەشكىلات دەپ قارىمىغان.

رۇسىيىنىڭ نەۋسرۇ ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ھامماس تەشكىلاتىنىڭ رەھبىرى بۇ يىل 6-ئايدا ھامماس تەشكىلاتى تەرىپىدىن تۇتۇۋېلىنغان بىر نەپەر ئىسرائىلىيىلىك ئەسكەرنىڭ تېخى ھايات ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ھىزبۇللا تەشكىلاتىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى ھىزبۇللانىڭ ئىسرائىلىيىگە قارشى 6 يىل ئۇرۇش تەييارلىقى قىلغانلىقىنى ئاشكارىلىغان شۇنىڭدەك ھىزبۇللا كۈچلىرى يەكشەنبە كۈنى كانا شەھىرىدىكى ۋەقەدىن كېيىن ئىنتىقام ئېلىش تەرىقىسىدە ئىسرائىلىيىنىڭ بىر چېگرا شەھىرىگە راكېتا ئاتقان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.