پاكىستاندا ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن قەبىلە جەڭچىلىرى ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ
2007.03.31
پاكىستاننىڭ، ئافغانىستان چېگرىسى يېقىنىدىكى جەنۇبىي ۋەزىرىستان رايوندا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلىلەر ئوتتۇرىسىدا 19- مارت كۈنى باشلانغان توقۇنۇشلار داۋاملاشماقتا. شەنبە كۈنىدىكى توقۇنۇشلاردا ھەر ئىككى تەرەپ راكىتا ۋە زەمبرەك قاتارلىق ئېغىر تىپىتىكى قوراللار ئىشلەتكەن.
پاكىستان ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئافتاپ ئەخمەتخان شىرپاۋ، جۈمە كۈنى ئۆزبېك مىلىتانتلار بىلەن يەرلىك قەبىلە جەڭچىلىرى ئوتتۇرسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا 50 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەنۇبىي ۋەزىرىستاندىكى توقۇنۇشلاردا ھازىرغىچە 213 كىشى ئۆلگەن بولۇپ، ئۆلگەنلەرنىڭ 177 سى ئۆزبېك مىلىتانتلار ئىكەن.
پاكىستان ھۆكۈمىتى، يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن رايوندا پاناھلانغان ئۆزبېك مىلىتانتلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلارنى، ھۆكۈمەتنىڭ پاكىستان ئافغانىستان چېگرا رايوندىكى چەتئەللىك مىلىتانتلارنى يەرلىك قەبىلىلەرنىڭ قولى ئارقىلىق يۇق قىلىش پىلاننىڭ غەلىبىسى دەپ قارىماقتا.
پاكىستان ھۆكۈمىتى بىر نەچچە قېتىم كەڭ كۆلەملىك ھەربىي ھەرىكەتلەر ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما ئافغانىستاندىكى تالىبانلار ھاكىمىيىتى گۇمران بولغاندىن كېيىن، پاكىستان - ئافغانىستان چېگرا رايونىدا پاناھلانغان چەتئەللىك مىلىتانتلارنى رايوندىن چىقرالمىغان. بۇ ھەرىكىتىدە مەغلۇپ بولغان پاكىستان ھۆكۈمىتى يېقىندا يەرلىك قەبىلىلەر بىلەن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان ئىدى. بۇ كېلىشىمگە ئاساسەن پاكىستان ھۆكۈمىتى رايوندا ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنى توختىتىشنى قوبۇل قىلغان. يەرلىك قەبىلىلەر بولسا، چەتئەللىك مىلىتانتلارنىڭ رايوندا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا رۇخسەت بەرمەسلىكىنى ۋەدە قىلغان. ئەمما پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ قەبىلىلەر بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمى غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ ئافغانىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇلار بۇ كېلىشىم تالىبانلارنىڭ رايوندا ئەركىن پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىغا ئىكمانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ دەپ كۆرسەتمەكتە. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان ھۆكۈمىتى قەبىلىلەر بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى
- ئافغانىستان پرېزىدېنتى كەچۈرۈم قانۇنىنى پارلامېنتغا قايتۇرۇۋەتتى
- پاكىستاندا قولغا چۈشكەن تالىبانلار قوماندانى سوراق قىلىنماقتا
- دېك چېينىنىڭ ئافغانىستاندىكى زىيارىتىدە پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەردى
- ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى ئافغانىستان ۋە پاكىستاننى زىيارەت قىلدى