پاكىستان پارلامېنت سايلىمىدا ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
دۈشەنبە كۈنىدىكى پاكىستان پارلامېنت سايلام نەتىجىسىگە قارىغاندا،پاكىستان ئىسلام ئىتتىپاقى بىلەن پاكىستان خەلق پارتىيىسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئۆكتىچى پارتىيىنىڭ ئېرىشكەن ئاۋازى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇنىڭ بىلەن پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ سىياسىي ئىتتىپاقداشلىرى پارلامېنت سايلىمىدا مەغلۇپ بولغانلىقىغا تەن بەرگەن.
ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ قوللىغۇچىلىرى نۆۋەتتە كوچىلاردا شېرىپ بىلەن بۇتتونىڭ ئىسىملىرىنى توۋلاپ تەنتەنە قىلىشقا باشلىغان.
پاكىستان پارلامېنت سايلىمى ئەسلىدە 1 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئېلىپ بېرىش پىلانلانغان بولۇپ، بىراق خەلق پارتىيىسى رەھبىرى بىنەزەر بۇتتو خانىمنىڭ 27 - دېكابىر كۈنى سۈيىقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلۈشى تۈپەيلى، سايلام كېچىكتۈرۈلگەن ئىدى.
گەرچە، بۇ قېتىملىق سايلام داۋامىدا پاكىستان دائىرىلىرى سايلامنىڭ چوقۇم ئەركىن ۋە ئادىل، خاتىرجەم ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئۆكتىچى پارتىيە قوللىغۇچىلىرىنىڭ سايلامدا نارازىلىق نامايىشى ئېلىپ بارماسلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ،نەچچە يۈز مىڭ كىشىلىك ھەربىي قىسىملارنى تىنچلىقنى ساقلاشقا قويغان بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا ئالدىنقى ئوتتۇز نەچچە سائەت ئىچىدە 24 ئادەم زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدە جېنىدىن ئايرىلغان. كۆپ ساندىكى ئامما بېلەت تاشلاش ئۈچۈن سىرتلارغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالمىغان.
گەرچە، سايلامنىڭ ئەڭ ئاخىرىقى نەتىجىسى سەيشەنبە كەچتە مەلۇم بولىدىغان بولسىمۇ، كۆزەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى تۈپەيلى پەيدا بولغان ئەندىشە، بۇ قېتىمقى سايلامنىڭ بېلەت تاشلاش نىسبىتىنىڭ تۆۋەن بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن. (گۈلچېھرە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- مۇشەررەپ: سايلامنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەت بېرىمەن
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- گرۇزىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى بولدى
- ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- ئوباما بىلەن خاكابې ئايوۋا شتاتىدا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلدى
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى
- پۇتىن رۇسىيىدىكى ئەڭ باي ئادەممۇ؟
- ئۆزبېكىستان پرېزىدېنت سايلىمى
- پۇتىن ئۆزىنىڭ پارلامېنت ئەزالىق سالاھىتىدىن ۋاز كەچتى