پاكىستان خەلق پارتىسى، مۇشەررەپنىڭ ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىشنى پىلانلىماقتا
2008.02.23
پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلغان پارلامېنت سايلىمىدا، ئاۋازلارنىڭ ئەڭ كۆپ قىسمىنى قولغا كەلتۈرگەن، پاكىستان خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىرى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ پارلامېنتنى بىكار قىلىش قاتارلىق بەزى ھوقۇقلىرىنى ئېلىپ تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، يانۋار ئېيىدا بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلگەن پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى بەنەزىر بۇتتونىڭ رەھبەرلىكىدىكى، پاكىستان خەلق پارتىيىسى، نۆۋەتتە پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ قايسى ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىش مەسىلسىنى مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ بۇ ھەقتىكى قارارىنى دۈشەنبە كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىدىكەن.
پارلامېنت سايلىمىدا، پاكىستان خەلق پارتىيىسىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ ئاۋازغا ئېرىشكەن، پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى ناۋاز شىرىپنىڭ پارتىيىسى، پرېزىدېنت مۇشەررەپنىڭ نۇرغۇنلىغان ھوقۇقلىرىنى بىكار قىلىشنى، خەلق پارتىيىسى بىلەن بىرلىكتە ئىشلەشنىڭ ئالدىنقى شەرتى دەپ، ئوتتۇرىغا قويغان.
پاكىستان خەلق پارتىيىسى رەھبەرلىرى، كىمنىڭ باش مىنىستىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىغانلىقى مەسىلىسىنىمۇ مۇزاكىرە قىلىۋاتقان بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، باش مىنىستىرلىك نامزاتلىرى ئارىسىدا تەجرىبىلىك سىياسەتچى ۋە بەنەزىر بۇتتونىڭ ئۇزۇن يىللىق سەپدىشى، مەختوم ئىمىن فەھىم، خەلق پارتىيىسىنىڭ پەنجاپ ئۆلكىسىدىكى ۋەكىلى شاە مەخمۇت قۇرەيشى ۋە سابىق پاكىستان پارلامېنتنىڭ رەئىسى يوسۇف رىزا گېلانى قاتارلىق كىشىلەر بار ئىكەن.
جۈمە كۈنى، پاكىستاندىكى پارلامېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغان پاكىستاندىكى ئاساسلىق ئىككى سىياسىي پارتىيە، بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مەسىلسىدە كېلىشكەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پاكىستان پارلامېنت سايلىمىدا ئۆكتىچى پارتىيىلەر ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى
- مۇشەررەپ: سايلامنىڭ ئەركىن ۋە ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەت بېرىمەن
- سېربىيە پرېزىدېنتى كوسوۋا مەسىلىسى ھەققىدە توختالدى
- پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس
- پاكىستاندا ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ھۇجۇمىدىن يەنە بىرى يۈز بەردى
- گرۇزىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى بولدى
- ئامېرىكىلىق خىتاي سودىگەر، ئۈچ يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى
- بۇتتونىڭ يولدىشى، ب د ت نى تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى
- ئوباما بىلەن خاكابې ئايوۋا شتاتىدا رەقىبلىرىنى مەغلۇپ قىلدى
- پاكىستاندا سايلام ئالتە ھەپتە كېچىكىدۇ
- پاكىستاندا زوراۋانلىق ۋە قان تۆكۈش ھەرىكەتلىرىدە تۆت كۈندىن بۇيان 47 ئادەم ئۆلدى









