رىم پاپاسى ئىسلام دۇنياسىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن ئۇچراشتى


2006.09.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رىم پاپاسى 16‏- بىنىدىكت دۈشەنبە كۈنى ۋاتىكاندىكى مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ھەمدە ئىسلام تەتقىقات ئىنستېتۇتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىسلام دۇنياسىدا ئۇنىڭ يېقىندا بەرگەن بىر باياناتىدىن كېيىن پەيدا بولغان غەزەپنى پەسەيتىشكە تىرىشتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا قىلغان سۆزىدە، ئىسلام دىنىغا چوڭقۇر ھۆرمىتى بارلىقىنى ۋە دۇنيانىڭ كېلەچەكىنىڭ مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىئانلار ئوتتۇرىسىدا قۇرۇلىدىغان ياخشى ئالاقە بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن رىم پاپاسى، يىغىلىشقا قاتناشقان ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىغان.

رىم پاپاسى 16‏- بىنىدىكتنىڭ 12‏- سېنتەبىر كۈنى گېرمانىيە زىيارىتى جەريانىدا ئىسلام دىنى ۋە ھەزرىتى مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام ھەققىدە قىلغان سۆزلىرى دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئارىسىدا قاتتىق نارازىلىق دولقۇنى قوزغىغان ئىدى. بۇ نارازىلىق تۈپەيلىدىن رىم پاپاسى، گېرمانىيىدە قىلغان سۆزلىرىنىڭ خاتا تەبىرلىنىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ سۆزلىرىنىڭ مۇسۇلمانلارنى رەنجىتكەنلىكىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى بايان قىلغان. لېكىن ئۇ دۇنيادىكى بەزى مۇسۇلمان رەھبەرلەر تەلەپ قىلغاندەك ئىسلام دۇنياسىدىن رەسمىي بىر ئەپۇ سوراشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان.

مۇتەخەسسىسلەر، رىم پاپاسىنىڭ مۇسۇلمان دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرى ۋە ئىسلام دىنىي رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشىنى، ئۇنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ھەرىكىتىنىڭ بىر قىسىمى دەپ تەبىرلىمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.