رىم پاپاسىنىڭ تۈركىيە زىيارىتى قارشىلىقلارغا دۇچ كەلدى


2006.11.26

رىم پاپاسى 16 - بېنېدېكت بۇ ھەپتىدە تۈركىيىنى زىيارەت قىلماقچى. ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ ئۇچۇرىدىن قارىغاندا، بۇ رىم پاپاسى 16 – نىڭ تۈركىيىگە نىسبەتەن تارىخىي خاراكتېرلىق زىيارىتى بولسىمۇ، لېكىن بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان بىر قانچە مىڭ تۈرك كوچىلارغا چىقىپ نارازىلىق نامايىشلىرى ئۆتكۈزگەن.

رىم پاپاسىنىڭ زىيارىتىگە نىسبەتەن مۇنداق نارازىلىقلارنىڭ كېلىپ چىقىشىغا سەۋەب بولغان ئاساسىي ئامىل بۇ يىل 9 - ئايدا رىم پاپاسىنىڭ 14 - ئەسىردە ئۆتكەن بىر كاتولىك پوپىنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھاقارەتلىگەن سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرگەنلىكى بولۇپ، بۇ ئەينى ۋاقىتتا پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا مۇسۇلمانلارنىڭ نارازىلىقلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئىدى.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، رىم پاپاسى ئىستانبۇلنى زىيارەت قىلغاندا ئاياسوفىيە ئىبادەتخانىسى ھەمدە مەسچىتلەرنى زىيارەت قىلماقچى ئىكەن. شۇنىڭدەك تۈركىيىنىڭ مۇناسىۋەتلىك سىياسىي ۋە دىنىي ئەربابلىرى بىلەن كۆرىشىدىكەن.

تەھلىللەرگە ئاساسلانغاندا، نۆۋەتتە، ۋاتىكان داھىيسى مۇسۇلمانلار بىلەن خرىستىيانلار ئارىسىنى ياخشىلاش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا. (مىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.