خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا


2004.10.07

روسىيىنىڭ پىراۋىسلان دىنىي جەمئىيەت رەھبەرلىرى، روسىيىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشى ۋە خىتاينىڭ روسىيىگە كېڭىيىشىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، روسىيىنىڭ پىراۋىسلان دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى چارشەنبە كۈنى روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن بىلەن مەخسۇس ئۇچرىشىپ، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ يىراق شەرق ۋە سىبىرىيە رايۇنلىرىدا بارغانسىرى كۆپىيىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىتايلارنىڭ روسلارنى سىقىپ چىقىرىۋاتقانلىقىنى شىكايەت قىلغان.

خىتاي بىلەن چېگرىداش چىتا ئوبلاستىدىكى پىراۋىسلان پوپى، خىتايلارنىڭ روسلارغا تىگىشلىك خىزمەتلەرنى تارتىۋېلىپ، روسلارنى ئائىلىسىنى قامدىيالمايدىغان ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

دىنىي رەھبەرلەرنىڭ ئەندىشىسىگە قارىتا، روسىيە پرېزدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن،خىتاي كۆچمەنلىرىنى خىرىستىيان دىنىنىڭ پىراۋىسلان مەزھىبىگە كىرگۈزۈش ئۈچۈن ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بېرىش تەكلىبىنى بەرگەن. ئۇ يەنە، پىراۋىسلان دىنىي جەمئىيەتلىرىنىڭ خىتايدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەن. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.