ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى بۈگۈن ئۇيغۇرلار توغرىسىدا قارار لايىھىسى ماقۇللىدى

26 - ئىيۇن سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتىتى ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەخسۇس قارار لايىھىسى ماقۇللاپ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر تىلى، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

قارار لايىھىسىدە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خىتاي تۈرمىسىدىكى پەرزەنتلىرى ئالىم ئابدۇرېھىم ۋە ئابلىكىم ئابدۇرېھىملارنى دەرھال قويۇپ بېرىش ھەمدە كانادا ئۇيغۇر پۇقراسى ھۆسىيىن جېلىلنىڭ كانادا پۇقراسى ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرگە ئۇنى دەرھال قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىندى.

بۇ قارار لايىھىسى تەۋىسىيە خاراكتېرلىك بولۇپ، ئۇنىڭ بۇش ھۆكۈمىتىنى مەجبۇرلىغۇچى كۈچى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ ئامېرىكا دۆلەت مەجىلىسىدە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەمدە ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش توغرىسىدا چىقىرىلغان تۇنجى قارار لايىھىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

قارارنامىدا يەنە، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىرنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقوقى، دېموكراتىيە ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداش يولىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيىتى مەدىھىيىلەندى ۋە ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى. مەزكۈر قارار لايىھىسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىدىكى بارلىق ئەزالارنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن ماقۇللانغان بولۇپ، مەزكۈر قارار لايىھىسى ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئومۇمى يىغىنىدا مۇزاكىرىگە قويۇلىدۇ. (گۈلچېھرە)