قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىقنى تاللىۋالدى

2006-05-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

سېربىيە بىلەن بىرگە يۇگۇسىلاۋىيە فېدىراتسىيىدىكى ئاخىرقى 2 دۆلەتنىڭ بىرى قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى يەكشەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن رېفىراندۇمدا مۇستەقىللىقنى تاللىۋالدى. قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى مەركىزى سايلام كومىتېتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، رېفىراندۇمدا مۇستەقىللىقنى قوللاپ بىلەت تاشلىغانلار 4.55 % نى، قارشى تۇرغۇچىلار 6.44 % نى ئىگىلىگەن.

قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئاساسىي قانۇنى بويىچە، رېفىراندۇمدا سايلام يېشىدىكى پۇقرالارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان ۋە غەلىبە قىلغۇچى تەرەپ ئومۇمى بىلەتنىڭ 55 % گە ئېرىشكەندىلا سايلام نەتىجىسى كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى مىلو دۇگانوۋىچ، " قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىدىكى كۆپچىلىك پۇقرالار بۇ دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىق ئىشلىرىنى يېڭى پەللىگە كۆتەردى " دەيدۇ. رېفىراندۇمدا پۇقرالار ، سىز قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلقئارادا ۋە ئەدلىيە جەھەتتە پۈتۈنلەي مۇستەقىل بولۇشىنى خالامسىز، دىگەن سۇئالغا جاۋاب بېرىپ بىلەت تاشلىدى. سايلام مەركىزىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ قېتىم قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى بويىچە سايلام يېشىدىكى پۇقرالارنىڭ 86 % ى بىلەت تاشلىغان.

سايلام نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن مۇستەقىللىقنى قوللىغۇچىلار پايتەخت پودكورىكادا كوچىلارغا چىقىپ غەلىبە تەنتەنىسى قىلدى. لېكىن مۇستەقىللىقنى رەت قىلغۇچىلار، بۇ قاراتاغنىڭ سېربىيە بىلەن بولغان سىياسى، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىگە زەربە بېرىدۇ، دەپ قارىماقتا.

قاراتاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا سېربىيىلىك سىياسەتچىلەر، پراۋىسلاۋ دىنىي جەمئىيىتىنىڭ رەھبەرلىرى ۋە سېربىيىگە چېگرىداش رايونلاردىكى پۇقرالار قارشى تۇردى. يۇگۇسىلاۋىيە فېدىراتسىيىسى تارقالغاندىن كېيىن سېربىيە بىلەن قاراتاغ جۇمھۇرىيىتى 2003 - يىلى سېربىيە- قاراتاغ ئىتتىپاقىنى قۇرغان. (ئەركىن)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت