
يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى 21-ماي كۈنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئەگەر 55% ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللاشقا بېلەت تاشلىسا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى رەسمى مۇستەقىللىق جاكارلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن. نەتىجىدە، 55.3% بېلەت بىلەن قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا سازاۋەر بولدى.
يۇگوسلاۋىيە فېدېراتىپ جۇمھۇرىيىتىگە تەۋە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى 21-ماي كۈنى مۇستەقىللىق ئۈچۈن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئۆتكۈزدى. ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بەلگىلىمە بويىچە ئەگەر 55% ئادەم مۇستەقىللىقنى قوللاشقا بېلەت تاشلىسا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى رەسمى مۇستەقىللىق جاكارلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىدىكەن. نەتىجىدە، 55.3% بېلەت بىلەن قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق ھوقۇقىغا سازاۋەر بولدى.
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل پارچىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئۈزۈل كېسىل پارچىلىنىش
5-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش نەتىجىدە قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق جاكارلاش سالاھىيىتىگە ئېرىشىش بىلەن بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سابىق يۇگوسلاۋىيىنىڭ ئورنىدا يەنە بىر يېڭى جۇمھۇرىيەت مەيدانغا كەلدى.
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۈزۈل-كېسىل پارچىلىنىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
1945-يىلى، كوممۇنىستلار رەھبىرى تېتو تەرىپىدىن قۇرۇلغان يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسى 90-يىللارنىڭ باشلىرىدا پارچىلىنىپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما سېربىيە بىلەن قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى ئاخىرغىچە يۇگوسلاۋىيىنى ساقلاپ قالغان. بىراق، بۇ قېتىم قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئايرىلىپ چىقىشى يۇگوسلاۋىيىنى ئۈزۈل –كېسىل خەرىتىدىن يوق قىلدى.
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇش جەريانى ئەمەلىيەتتە 80 نەچچە يىللىق مۇساپىنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، قارا تاغلارنىڭ نوپۇسى ئاران 650مىڭ بولۇشىغا قارىماي، ئۇلار نېمە ئۈچۈن مۇستەقىللىق يولىنى تاللىدى؟ بۇ سوئال خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرىدىن بىرىگە ئايلاندى.
ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ئۆيلىرىدە ياشىسا ياخشى
قارا تاغنىڭ مۇستەقىللىقى مەسىلىسىدە ئاساسلىق ئىككى خىل كۆز قاراش مەۋجۇت بولۇپ، مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش مىنىستىرى مىلا جۇگانوۋىچ رەھبەرلىك قىلغان. مۇستەقىللىققا قارشى تۇرغۇچى پارتىيە گۇرۇھلار رەھبىرى بولسا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ نوپۇسى ئاز، يېرىنىڭ كىچىكلىكىنى كۆرسىتىپ، " سېربىيە بىلەن بىرگە قېلىشنى" تەشەببۇس قىلغان ھەمدە " بىز سېربىيىنىڭ بولغانلىقى ئۈچۈنلا ياۋروپا ھۆرمىتىگە ئېرىشكەن دۆلەت بولالايمىز" دېگەن ئىدىيىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇلار يەنە سېربلار بىلەن قارا تاغلارنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى باھانە قىلىپ، " سېربلار بىلەن قارا تاغلار قېرىنداشلار، قېرىنداشلار بىر-بىرىدىن ئايرىلماسلىقى كېرەك" دېگەندەك پىكىرلارنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئەمما، مۇستەقىلچىلەر رەھبىرى مىلا جۇگانوۋىچ بۇلارنى رەت قىلىپ، قارا تاغنىڭ قەتئىي مۇستەقىللىق يولىغا مېڭىشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ،" ھەقىقەتەن سەربلار بىلەن قارا تاغلار ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلاردۇر، لېكىن ئاكا-ئۇكىلار ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم ئۆيلىرىدە ياشىسا ياخشى بولىدۇ"، دەپ تەشەببۇس قىلغان.
قارا تاغنىڭ مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرغۇچىلار دائىم، سېربلارنىڭ يەتتە مىليون 500 مىڭ،قارا تاغلارنىڭ ئۇلاردىن 10 ھەسسە ئازلىقى يەنى ئاران 650 مىڭ ئىكەنلىكى، ئىقتىسادىي كۈچ جەھەتتىنمۇ سېربىيىنىڭ قارا تاغدىن 10 نەچچە ھەسسە ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، سەربىيىدىن ئايرىلىشنىڭ زىيانلىق ئىكەنلىكىنى شەرھلەشكە تىرىشقان. مۇستەقىللىق بىلەن مۇستەقىل بولماسلىق ئارىسىدىكى كەسكىن كۈرەش پەقەت ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىقلا ئاشكارىلانغان بولۇپ، مۇستەقىللىق ئاۋازى بەرىبىر غالىپ كەلدى.
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى مۇستەقىللىق مۇساپىسى
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى ئەسلىدە يۇگوسلاۋىيە ئىتتىپاقداش جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، 90-يىللاردا يۇگوسلاۋىيىگە تەۋە خارۋاتىيە، سلوۋېنىيە، ماكېدونىيە قاتارلىق جۇمھۇرىيەتلەر ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ مۇستەقىللىق جاكارلىغاندا، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى بېلەت تاشلاش ئارقىلىق يۇگوسلاۋىيە تەركىبىدە قېلىشنى قارار قىلغان ھەمدە سېربىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن بىرلىشىپ، 1992-يىلى 4-ئايدا يېڭىدىن يۇگوسلاۋىيە فېدېراتسىيىسىنى قۇرغان. لېكىن، 2003-يىلى 2-ئايدا يۇگوسلاۋىيە پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ، يۇگوسلاۋىيە نامىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، ئۇنى "سېربىيە-قارا تاغ "دەپ ئۆزگەرتكەن ھەمدە ئۈچ يىلدىن كېيىن ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق مۇستەقىللىقنى بەلگىلەشنى قارار قىلغان.
سېربىيە بىلەن قارا تاغ بىرلەشكەن مەزگىلىدە، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى ئۆزىنىڭ كۆپلىگەن ئىچكى ۋە تاشقى ھوقۇقلىرىغا سازاۋەر ئىدى.
رۇسىيىنىڭ "news.ru" ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قارا تاغنىڭ مۇستەقىللىق ئىدىيىسى ھېچقاچان توختاپ قالمىغان بولۇپ، بۇ ئىدىيە 90-يىللارنىڭ ئاخىرىدا كۈچەيگەن بولسىمۇ، ئەمما كوسوۋا مەسىلىسى پەيدا بولغاندىن كېيىن، ئەگەر قارا تاغ مۇستەقىل بولسا، بۇنىڭ قوشنا كوسوۋاغا تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىنلىكىنى نەزەرگە ئېلىپ ياۋروپا ئىتتىپاقى بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرغان ئىدى. شۇڭا قارا تاغلار دائىم ئۆزلىرىنىڭ كوسوۋا ئۈچۈن قۇربان قىلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆرسىتىشىدىكەن. لېكىن، كوسوۋانىڭ تەقدىرى خەلقئارا جەمىيەت تەرىپىدىن ھەل قىلىنىشقا ئەگىشىپ، كوسوۋا مەسىلىسى بىلەن باغلىنىشلىق دەپ قارالغان قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىق مەسىلىسى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ مۇزاكىرە تېمىسىغا ئايلاندى. ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىشتە ئەگەر مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرى 55 % ئاۋازغا ئېرىشسە، ئۇنىڭ مۇستەقىل بولۇشىنى قارار قىلدى.
قارا تاغلار 1878 - يىلى، مۇستەقىللىققا ئېرىشىپ، تاكى 1918-يىلىغىچە بىر مەزگىل ئۆز ئالدىغا دۆلەت بولغان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى بىكار قىلىنىپ، يۇگوسلاۋىيىگە قوشۇۋېتىلگەن. قارا تاغ مىللەتپەرۋەرلىرى 80 نەچچە يىلدىن بۇيان مۇستەقىللىق پىكىرلىرىنى داۋاملاشتۇرغان بولۇپ، مەيلى كوممۇنىستلار دەۋرى بولسۇن ۋە ھازىرقىدەك ئەركىن دېموكراتىك دەۋر بولسۇن ئۇلارنىڭ مۇستەقىللىق غايىسى ھېچقاچان ئۆچمىگەن.
مۇستەقىللىقنىڭ نەتىجىسى
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتى سېربىيىنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، ئۇ كوسوۋا بىلەن چېگرىداش. شىمالى ۋە غەربىي تەرىپىدە بوسنىيە بار. غەرب تەرىپى يەنە ئادرىياتىك دېڭىزىغا تۇتىشىدۇ. بۇ ئەسلى يۇگوسلاۋىيىنىڭ دېڭىزغا چىقىدىغان مۇھىم ئۆتكىلى بولۇپ، قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىل بولۇشى بىلەن سېربىيىنىڭ دېڭىز يولى ئۈزۈلۈپ، ئۇ ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتىگە ئايلىنىپ قالدى. بۇ ئەھۋال سېربىيە ئۈچۈن پايدىسىز ۋەزىيەت ياراتقان.
قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر مەيدانى 16مىڭ كۋادىرات كىلومېتىردۇر. قارا تاغلار دىنىي ۋە تىل جەھەتتە سېربلار بىلەن ئوخشاش بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار ئايرىم بىر مىللەت قىلىپ بېكىتىلگەن ئىدى. قارا تاغلار بىلەن سېربلارنىڭ يېقىنلىقى تۈپەيلىدىن بۇ ئىككى خەلق ئارىسىدا قۇدا-باجىلىق ۋە ئارىلىشىپ كېتىش خېلى ئېغىر بولسىمۇ، ئەمما قارا تاغ جۇمھۇرىيىتىدە بەرىبىر قارا تاغلارنىڭ نوپۇس جەھەتتە كۆپ سانلىقنى ئىگىلىگەن.
"news.ru" ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، بۇ يەردىكى سېربلار مۇستەقىللىققا قارشى تۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بېلەت تاشلاشقا تەسىر كۆرسىتەلمىگەن.
مۇستەقىلچىلەر ئۈچۈن سېربلار بىلەن قارا تاغلارنىڭ شۇنچىلىك يېقىن بولۇشى رول ئوينىيالمىغان. قاراتاغ مۇستەقىلچىلىرى ئايرىم دۆلەت بولۇپ، دەرھال ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ھەمكارلىشىپ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرگىلى بولىدىغانلىقىنى، كىچىك بولسىمۇ، مۇستەقىل ئايرىم دۆلەت بولۇشنىڭ باشقا "ئاكىلارنىڭ قولىدا" ياشاشتىن ئەلا ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقان.(ئۈمىدۋار)