پاكىستاندا خىتاي پۇقرالىرى يەنە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى


2007-07-19
Share

پاكىستاننىڭ جەنۇبىدىكى خۇب شەھىرىدە، خىتاي ئىشچىلىرىنى توشۇۋاتقان بىر ئاپتوموبىل پارتلىتىۋىتىلگەن.

پەيشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشتا ھۇجۇمغا ئۇچرىغانلار ئارىسىدىن ئاز دېگەندە 30 غا يېقىن كىشى قازا قىلغان، ساقچىلارنىڭ پەرەز قىلىشىچە ، مەزكۈر ھۇجۇم خىتاي پۇقرالىرىغا قارىتىلغان ، ئەمما پارتلاشتا ئۆلگەنلەرنىڭ ھەممىسى پاكىستانلىقلار ئىكەن.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، پارتلاتقۇچ بومبا يول ئۈستىدىكى بىر رېستۇرانغا ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، نەق مەيداننى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، پارتلاش ۋەقەسى ، خىتاي قۇرۇلۇش ئىشچىلىرىنى توشۇش ئەترىتىدىكىلەر، پاكىستان بىخەتەرلىك قوغدىغۇچىلىرىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا رېستۇرانغا كىرىۋاتقان چاغدا يۈز بەرگەن.

يېقىندىن بۇيان پاكىستاندىكى خىتاي پۇقرالىرى، پاكىستان قوراللىق مىللىي گۇرۇھلىرىنىڭ ھۇجۇم نىشانىغا ئايلانغان.

قوراللىق كۈچلەر، پاكىستاندا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە تەرەققىيات تۈرلىرىگە قارشى ئىسيان كۆتۈرمەكتە. بىرلەشمە تەرەققىيات تۈرلىرىنىڭ كۆپىنچىسى، خىتاينىڭ كارخانىلىرى تەرىپىدىن كۆتۈرىگە ئېلىنغان .

بۇ ئارىدا يەنە ، پاكىستاننىڭ خانگۇ شەھىرىدىكى ساقچى ئىنىستىتۇتى، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمغا ئۇچرىغان ۋە ئاز دېگەندە 7 كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى 20 كىشىنىڭ يارىلىنىشىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت