ئىتالىيىدە خىتايدىن ئىراققا قورال يۆتكىگەن ئەتكەسچىلەر گۇرۇھى قولغا چۈشتى

ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى، 12‏- فېۋرال كۈنى خىتايدىن لىۋىيە ئارقىلىق ئىراققا قورال يۆتكىگەن بىر ئەتكەسچىلىك گۇرۇھىنىڭ بىتچىت قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىتالىيە راي رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىتالىيە ساقچىلىرى 12‏- فېۋرال كۈنى ئىتالىيىنىڭ ئۇمبارىيە رايونىدا بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا مۇناسىۋەتلىك 16 كىشىنى قولغا ئالغان. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، قولغا ئېلىنغانلارنىڭ بەزىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرى، بەزىلىرى بولسا ناھايىتى ئاتاقلىق سودىگەرلەر ئىكەن.

خەۋەردە، ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈش جەريانىدا قوراللارنى قولغا چۈشۈرەلمىگەنلىكى، ئەمما خىتايدىن 500 مىڭ ئاپتومات ۋە ئون مىليون پاي ئوق ئېلىپ لىۋىيە ئارقىلىق ئىراققا يۆتكەش توغرىسىدا ئىمزالانغان نۇرغۇن كېلىشىملەر ۋە ھۆججەتلەر قولغا چۈشكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ ئەتكەسچىلىك دېلوسىغا بىر لىۋىيىلىك دىپلوماتمۇ ئارىلىشىپ قالغان. (قانات)