قۇش زۇكىمىنىڭ تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرۇدىغان پروگرامما ھازىرلاندى


2005.07.06

خەلقئارا سەھىيە مۇتەخەسسىسلىرى قۇش زۇكىمىنىڭ ئاسىيادا تارقىلىشىغا تاقابىل تۇرالايدىغان بىرخىل ئۇنىۋېرسال پروگراممىنى ئېلان قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ب د ت ئوزۇقلۇق تەشكىلاتى ۋە دۇنيا ھايۋاناتلار سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ كۇئالالۇمپۇردا ئېچىلغان ئۈچ كۈنلۈك يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەزكۇر پروگرامما جاكارلاندى.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پروگراممىنىڭ ئاساسىي يۆلۈنۈشى، ئائىلىدە ھايۋانات باققۇچىلارغا ھايۋاناتلاردىن كېلىدىغان خەتەرنى، بولۇپمۇ توخۇ، ئۆدەك ۋە چوشقىنى بىر يەردە بېقىشنىڭ خەتىرىنى چۈشەندۈرۈش تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت. پروگراممىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مەزمۇنى بولسا، ئاسىيادىكى ئائىلە قۇشلىرى بازارلىرى، بۇ بازارلاردا ھەرخىل ھايۋاناتلار ھەردائىم تازىلىق شەرتلىرى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سويۇلماقتا.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى خىتاينىڭ چىڭخەي ئۆلكىسىدە شۇنداقلا ئۇيغۇر دىيارىنىڭ چۆچەك، سانجى قاتارلىق جايلىرىدا بايقالغاندىن كېيىن، ب د ت سەھىيە تەشكىلاتى مەزكۇر ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە يۇقىدىغان شەكىلدە تارقىلىشىدىن ئەندىشە قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. ( ئىلتەبىر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.