گېرمانىيىنىڭ شىمالىدا تۇنجى قېتىم قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى


2006.02.16

گېرمانىيىدە تۇنجى قېتىم قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان بولۇپ، گېرمانىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تىببى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ‏ خورست سېخوفېر، (Horst Seehofer)16 ‏- فېۋرال كۈنى، گېرمانىيىنىڭ شىمالىدىكى "رۇگېن" (Ruegen) ئارىلىدا ئالدىنقى كۈنى ئۆلگەن ئىككى ئاققۇنىڭ قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى سەۋەبىدىن ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە دائىرىلىرى، قۇش زۇكىمى بايقالغان رۇگېن ئارىلىنى كارانتىن ئاستىغا ئېلىش بىلەن بىرگە بۇ ھەقتە جىددىي چارە‏ - تەدبىر قوللىنىش توغرىلىق يىغىن ئۆتكۈزگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرمۇ، بريۇسسېلدا، قۇش زۇكىمى ۋىرۇسىنىڭ تارقىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەسىلىلىرى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان.

بۇ ئارىدا ئاۋىسترىيە خادىملىرى، مەزكۇر دۆلەتتە ئۆلگەن بىر جۈپ ئاققۇنىڭمۇ قۇش زۇكىمى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇنىڭدىن سىرت ئىتالىيە، گىرىتسىيە ۋە بۇلغارىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىمۇ قۇش زۇكىمى بايقالغان بولۇپ، قۇش زۇكىمى 2003 ‏- يىلىدىن بېرى ئاز دېگەندە 91 ئادەمنىڭ ئۆلۈمىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. ئاسىيا دۆلەتلىرىدە كۆپ كۆرۈلگەن مەزكۇر يۇقۇملۇق ۋىرۇس، نۆۋەتتە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سالماقتا. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.