كوندىلىزا رايىس موسكۋادىكى سەپىرىدە رۇسىيە دېموكراتىيىسىنى سۆزلىشىدۇ


2005.04.19

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندىلىزا رايىس، رۇسىيىدىكى زىيارەت سەپىرىدە موسكۋا دائىرىلىرىگە كرىمىلىن سارىيىنىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش شۇنداقلا مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى قىسىش ھەرىكىتى ئامېرىكىنى بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى يەتكۈزىدىكەن.

رايىسنىڭ رۇسىيىدىكى زىيارىتى سەيشەنبە كۈنى باشلاندى. ئۇ، موسكۋا سەپىرىگە ئاتلىنىش ئالدىدا رۇسىيىدىكى ئىسلاھاتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىمقىلىنى تەكىتلىدى شۇنداقلا " گۈللەنگەن ۋە دېموكراتىك رۇسىيە ھەممىمىزنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن،" دەپ كۆرسەتتى.

پرېزىدېنت بۇش 2004 - يىلى 11 - ئايدا رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن بىلەن ئۇچراشقاندا، كرىمىلىن سارىيىنىڭ ھوقۇقنى مەركەشلەشتۈرۈش تەدبىرلىرىدىن بىئارام بولىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، پرېزىدېنت پۇتىننىڭ ھوقۇقنى مەركەزلەشتۈرۈش يولىدىكى تەدبىرلىرىگە ئېنىقلىما بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئەنگىلىيە ئاخبارات تورى ب ب س نىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، رايىس موسكۋادا رۇسىيىلىك دائىرىلەر بىلەن سۈركىلىش يۈز بېرىشىنى خالىمايدىكەن. ئامېرىكا، رۇسىيىنىڭ قىرغىنچىلىق خاراكتىرلىك قوراللارنى كونترول قىلىش شۇنداقلا شىمالى كورىيە بىلەن ئىراننى يادرو قوراللار پىلانىدىن ۋاز كېچىشكە قايىل قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

ب ب س نىڭ تەكىلىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيىنى يەنىلا تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىدىكى ئىتتىپاقدىشى، دەپ ھېسابلايدىكەن. رايىسنىڭ بۇ قېتىمقى موسكۋا سەپىرى، پرېزىدېنت بۇشنىڭ كېلەركى ئايدا موسكۋاغا قىلىدىغان زىيارىتى ئۈچۈن يول ھازىرلاش بولۇپ، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ زىيارىتى رۇسىيىنىڭ 2 - ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرىلەش كۈنلىرىگە توغرا كېلىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.