كوندولىزا رايس سەئۇدىي ئەرەبىستاننى زىيارەت قىلدى


2005.11.13

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كوندولىزا رايس يەكشەنبە كۈنى سەئۇدىي ئەرەبىستانغا يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن بۇ ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ ئۇزۇن يىللىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ھەققىدە سۆھبەتلەشتى.

رايس بۇ قېتىم سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە سائۇد ئەل فەيزال بىلەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى تۇنجى قېتىملىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئىستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئۇلار يەنە ئىراق مەسىلىسى، ئېنېرگىيە، بىخەتەرلىك ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى قاتارلىق تېمىلاردىمۇ توختىلىدىكەن.

سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يېقىندا چىقارغان كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا يەنە بىر قېتىم تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. شۇنداقلا پرېزىدېنت بۇش بۇ يىلنىڭ بېشىدا، سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىن ئابدۇل ئەزىز بىلەن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، ستراتېگىيىلىك سۆھبەت ئېلىپ بېرىشكە كېلىشكەن.

ئامېرىكا بىلەن سەئۇدىي ئەرەبىستاننىڭ مۇناسىۋىتى، 2001 - يىلىدىكى 11 - سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن يىرىكلىشىپ قالغان ئىدى. چۈنكى بۇ ۋەقەنى سادىر قىلغان 19 كىشىنىڭ 15ئى سەئۇدىي ئەرەبىستانلىق بولۇپ چىققان.

كوندولىزا رايس يەكشەنبە كۈنى كەچتە سەئۇدىي ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن ئۇ ئېرۇسالىمغا بېرىپ، ئىسرائىلىيە ۋە پەلەستىن ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشمەكچى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.