رودژىستىۋا بايرىمىدا دۇنيا تېنچلىقى تەرغىپ قىلىندى
2007.12.25
دۇنيادىكى خرىستيانلار رودژىستىۋا بايرىمىنى تەنتەنە بىلەن تەبرىكلىدى. خرىستيانلارنىڭ دىنىي رەھبىرى رىم پاپاسى 16 - بېنىدىك، 25 - دېكابىر رودژىستىۋا بايرىمى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن، 60 نەچچە خىل تىلدا خرىستيانلارنىڭ مەزكۈر بايرىمىنى تەبرىكلەپ، دۇنيادا توقۇنۇشلارنىڭ ئاياقلىشىشى ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
رىم پاپاسى سۆزىدە ، تېنچلىقنى ئالاھىدە تەكىتلەش بىلەن بىرگە بولۇپمۇ ئۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۇرۇۋاتقان ئىراق، لىۋان ، دارفۇر ، سومالى قاتارلىق رايونلارنىڭ تېزراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى، ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەقىل ۋە جاسارىتىنى ئىشقا سېلىپ، پۈتۈن يەر شارىدىكى توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىشىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ يەنە ، ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئېتىقادنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، نامراتلارغا ۋە ئەتراپىدىكى كىشىلەرگە ياردەم قىلىش ئېڭىنىڭ يوقىلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى ئېتىقادقا سادىق بولۇشقا، شەخسىيەتچىلىككە ھاكىم بولۇپ، گۈزەل مۇھىت بەرپا قىلىشقا چاقىردى.
خرىستيان مۇرىتلىرى ھەر يىلى 25 - دېكابىر كۈنىنى، ئۆزلىرىنىڭ دىنىي بايرىمى سۈپىتىدە خاتىرىلەيدۇ، باشقا دىنىي مەزھەپلەرگە ئېتىقاد قىلىدىغان كىشىلەرمۇ بۇ كۈننى بايرام سۈپىتىدە خاتىرلەپ كەلمەكتە. ئەمما رودژىستىۋا بايرىمى، ھەزرىتى ئەيسانىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن مەيدانغا كەلگەن خرىستيانلارنىڭ ئەڭ ئالي دىنىي بىر بايرىمى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئارىدا پەلەستىن رەھبەرلىرىنىڭ رودژىستىۋا بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن پەلەستىن - ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنىڭ تېنچلىق يوسۇندا بىر تەرەپ قىلىنىشىنى تەرغىپ قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولۇپ، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيەت ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباس ، يېڭى بىر يىلنىڭ تېنچ ۋە مۇقىم بولۇشىنى شۇنىڭدەك پەلەستىن خەلقىنىڭ كېلەر يىلى مۇستەقىللىققە ئېرىشىش ئۈچۈن دۇئا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى روزا ھېيتنى كۈتۈۋالدى
- ئۇيغۇر بالىلىرى رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى سەنئەت فېستىۋالىدا نەتىجە قازاندى
- 4 - ئىيۇل كۈنى ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلار بىر ئارىغا جەم بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى خاتىرلىدى
- ماي بايرىمى، خىتايدا ئەمگەكچىلەرگە ھەقىقىي بايراممۇ؟
- ئامېرىكىدا مۇستەقىللىق بايرىمى
- خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى "قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتى" بىلەن كۈتۈۋالىدۇ