دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزى ھېيتنى تەبرىكلىمەكتە


2005-11-03
Share

ئىسلام دىنىدىكى ئۇلۇغ رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىپ، دۇنيا مۇسۇلمانلىرى پەيشەنبە كۈنى روزى ھېيتنى كۈتۈۋالدى

چەتئەل ئاگېنتلىقلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىراقتىكى نۇرغۇن سۈننىلەر پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەن ھېيت نامىزىنى ئۆتەپ، تەبرىك پائالىيەتلىرىنى باشلىدى. شىيىلەر بولسا ھېيتنى جۈمە كۈنى باشلايدۇ.

ئوتتۇرا ئاسىيادىكى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلارمۇ دىنىي ۋە ئەنئەنىۋى بايرىمى بولغان روزى ھېيتنى تەبرىكلىدى. خىتاي خەۋەر تورى پەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇسۇلمانلار خوشال- خورام ھالدا روزى ھېيتنى ئۆتكۈزمەكتە دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىدىن بەھرىمان بولىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.

ئەمما يېقىندىلا ئامېرىكا كەلگەن ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى رامىزان ئېيىدا مۇسۇلمان ئىشچى- خىزمەتچى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتۇشى، ناماز ئوقۇشىنى چەكلىگەندىن سىرت، يەنە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىدا ئىشلەيدىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھېيت نامىزىغا بېرىشىنىمۇ چەكلەپ كەلمەكتە.

دۇنيا مۇسۇلمانلىرى روزى ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقان بىر پەيتتە، كەشمىردىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان مۇسۇلمانلار روزى ھېيتنى تەبرىك بىلەن ئەمەس، ماتەم بىلەن كۈتۈۋالدى. كەشمىردىكى يەر تەۋرەشتە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 73 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، تۈزۈك پاناھلىنىدىغان جاي تاپالمىغان نۇرغۇنلار قەھرىتان قىشقا دۈچ كەلمەكتە. (ئارزۇ)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت