رۇسىيە كولىن پوۋېلنىڭ ئەيىبلىشىنى رەت قىلدى


2004-09-15
Share

رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ ( Sergei Lavrov) چارشەنبە كۈنى، كولىن پوۋېلنىڭ پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان، مەركىزى ھۆكۈمەتنىڭ رايونغا بولغان كونتروللىقىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى قارارىنى ئەيىبلىشىگە رەددىيە بېرىپ، بۇلارنىڭ رۇسىيەنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىشتىكى چارىسى بولغان دۆلەتنىڭ ئىچكى سىياسىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنگلىيە ب ب س رادىئو- تېلېۋىزىيە شىركىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سېرگېي لاۋروۋ سۆزىدە يەنە، “ ۋاشىنگتون ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمىنى باشقىلارغا تېڭىش ھوقۇقى يوق.” دەپ كۆرسەتتى.

سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كولىن پوۋىل (Colin Powell)، رۇسىيەنىڭ تېررورچىلىققا زەربە بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى، ئەمما پۇتىن ئوتتۇرىغا قويغان تەكلىپنىڭ ئەمەلىيەتتە بولسا دېموكراتىك ئىسلاھاتقا توسالغۇ بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

شۇنداقلا ياۋروپا بىرلىكىنىڭ تاشقى ئىشلار كومىتېتى رەئىسى كرىس پەتتېن (Chris Patten)، ئۆزىنىڭمۇ ئامېرىكىغا ئوخشاشلا پۇتىننىڭ بۇ قارارىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ياۋروپا پارلامېنتىغا، رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتىشنى تېررورچىلىققا زەربە بېرىشنىڭ بىردىن- بىر چارىسى قىلىۋالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. (پەرىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت