رۇسىيىدە تاقىرباشلار ھەرىكىتى كۈچەيمەكتە
2007.05.15
سوۋېت ئىتتىپاقى يىمىرىلگەندىن كېيىن، رۇسىيىدە مىللەتچىلىك ھەرىكەتلىرىنىڭ جۈملىدىن رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ كۈچىيىپ كەتكەنلىكى مەلۇم.
ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، چېچەن ئۇرۇشىدىن كېيىن مىللەتچىلىكنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشكە باشلىغانلىقى، يېڭىدىن پەيدا بولغان رۇس مىللەتچى ياش ئۆسمۈرلىرىنىڭ "تاقىرباشلار" دەپ ئاتالغان گۇرۇپپىلىرىنىڭ قارا چاچلىق مىللەت ئادەملىرىنى، بولۇپمۇ كۆچمەنلەرنى ئۇرۇش ۋە ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرىنىڭ كۆپىيىشىنىڭ رۇسىيىنىڭ ئىچكى بىخەتەرلىكى ھەم دۆلەت ئابرويىغا نىسبەتەن تەھدىد پەيدا قىلىۋاتقانلىقى رۇسىيە قانۇن ھىمايىچىلىرى تەرىپىدىن داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.
تاقىرباشلارنىڭ سانى داۋاملىق ئاشماقتا
رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى قانۇن ھىمايىچىلىرىنىڭ رۇس مىللەتچىلىكىنىڭ ئىپادىسى ھېسابلىنىدىغان "تاقىرباشلار" ھەرىكىتىنىڭ بارغانسېرى كۈچىيىپ، جەمىيەت ئامانلىقىغا تەھدىد پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى يېزىشماقتا.
رۇسىيەدە چىقىدىغان ئىنتېرنېت تورى “newsru” نىڭ تارقاتقان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، ھازىر رۇسىيىدىكى "تاقىرباشلار"نىڭ سانى 70 مىڭدىن ئاشقان بولۇپ، ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا 50 مىڭ ئەتراپىدا بولغان. نۆۋەتتە، "تاقىرباشلا"نىڭ سانى ئارتىپلا قالماستىن بەلكى، ئۇلارنىڭ ئادەملەرگە ھۇجۇم قىلىش قىلمىشلىرى ھەر كۈنى دېگۈدەك، ئۆلتۈرۈش قىلمىشلىرى ھەر ھەپتىدە دېگۈدەك يۈز بەرمەكتە.
ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋادىكى ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش بيۇروسىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندىر برودنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ ئۇچۇر بېرىشىچە، رۇسىيە شەھەرلىرىدە رادىكال مىللەتچىلىك تەشكىلاتلىرى مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىك پەيدا قىلىدىغان لوزۇنكا ئاستىدىكى ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئۇرۇنماقتا.
تاقىرباشلارنىڭ قولىدا ئۆلگەنلەر كۆپەيگەن
"تاقىرباشلار"نىڭ قولىدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى يىلدىن -يىلغا كۆپەيمەكتە. ئىنتېرفاكىس ئاگېنتلىقىنىڭ موسكۋا ئىنسان ھوقۇقىنى قوغداش بيۇروسىنىڭ مۇدىرى ئالېكساندىر برودنىڭ ئىستاتىستىكىلىق مەلۇماتلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، 2007-يىلى، يانۋاردىن ئاپرىلغىچە بولغان تۆت ئاي ئىچىدە پۈتۈن رۇسىيىدە 80 قېتىم ئىرقچىلىق تۈسى ئالغان ھۇجۇم يۈز بەرگەن بولۇپ، نەتىجىدە 25 ئادەم ئۆلگەن، 80 ئادەم يارىلانغان.
بۇ جەرياندا 21 ئادەم مىللىي ئۆچمەنلىك كەيپىياتى كەلتۈرۈپ چىقارغان دېگەن جىنايەت بىلەن سوتلانغان. ئەمما، باشقا مەنبەلەردە مەزكۇر تۆت ئاي ئىچىدە "تاقىرباشلار " تەرىپىدىن 200 قېتىم ھۇجۇم سادىر قىلىنىپ، نەتىجىدە 25 ئادەمنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكى ۋە 154 ئادەمنىڭ يارىدار قىلىنغانلىقى ئېيتىلغان.
تاقىرباشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى كىملەر؟
رۇسىيە فاشىست مىللەتچىلىرى دەپ قارىلىۋاتقان تاقىرباشلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى چىرايى ياۋروپا تىپىغا ئوخشىمايدىغانلار بولۇپ، “newsru” تورىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى، كاۋكازلىقلار جۈملىدىن ئەزەربەيجانلار، گرۇزىنلار، ئەرمەنلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن ئۆزبېكلەر، تاجىكلار ھەم ئاسىيالىقلار يەنى كورېيىلىكلەر، خىتايلار شۇنىڭدەك ئافرىقىلىقلاردۇر.
يېقىنقى كۈنلەردە " تاقىرباشلار"نىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان كىشى خىتاي پۇقراسى لىيۇ ياڭ بولۇپ، ئۇ موسكۋا قاتناش ئىنىستىتۇتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ، 1-ماي كۈنى " تاقىرباشلار" تەرىپىدىن پويىز ئۈستىدە ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغان.
" تاقىرباشلار"نىڭ ئاساسلىق پائالىيەت رايونلىرى موسكۋا، سانكتپېتېربۇرگ، روستوۋ، ۋلادىۋوستوك، ئورېنبۇرگ، ساراتوۋ ۋە باشقا چوڭ شەھەرلەردىن ئىبارەتتۇر. بۇ جايلاردا كۆچمەنلەر بىراز كۆپ جايلاشقان.
"سوۋا" مەركىزىنىڭ تور بېتىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 1-ماي كۈنى مىللەتچىلەر موسكۋا شەھىرىدە مارش دەسسەپ نامايىش ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ئۇلار " يوقالسۇن كۆچمەنلەر ! مائاشلار ئۆلتۈرۈلسۇن ! " ھەر خىل رەڭلىك ئادەملەر مەملىكىتى رۇسلارغا ئەمدى كېرەك ئەمەس !" دېگەندەك شوئارلارنى توۋلىغان. بۇ ھەرىكەتكە "قانۇنسىز كۆچمەنلەرگە قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى"، " مىللىي بىرلىك"، " رۇس تەرتىپى" قاتارلىق مىللەتچى تەشكىلاتلارنىڭ 500 دىن ئارتۇق ئادىمى قاتناشقان. ئىنكاسلاردىن قارىغاندا، خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى ۋە قانۇن ھىمايىچىلىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ "تاقىرباشلار"نىڭ بۇ خىل ھەرىكەتلىرىگە نىسبەتەن جىددىي چارە -تەدبىرلەرنى قوللانمايۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رۇسىيە -تۈركمەنىستان -قازاقىستان سۆھبىتى ۋە ئېنېرگىيە كۈرىشى
- رۇسىيە " ۋەتەن ئۇرۇشى"نىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى
- رۇسىيە پرېزىدېنتى پوتىن ئوتتۇرا ئاسىيادا زىيارەتتە بولىدۇ
- مىس ھەيكەلدىن تۇغۇلغان جىدەللەر: ئېستونىيە - رۇسىيە دىپلوماتىك كۈرەشلىرى
- "ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا - قالقان سىستېمىسى رۇسىيىنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق"
- رۇسىيە جامائەتچىلىكىنىڭ بورىس يېلتسىنگە بەرگەن باھالىرى
- سابىق رۇسىيە پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋە دېموكراتىيە
- رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى
- رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋىج ئالدى
- رۇسىيە ساقچىلىرى موسكۋادا نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلدى