پۇتىن، رۇسىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش مەسىلىسىگە پەقەت رۇسىيە، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە ھۆكۈمەتلىرى قارار بېرەلەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى

گروزىيە، ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى، رۇسىيىنى جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى، مەزكۇر رايونلاردىن چېكىندۈرۈشكە چاقىرىۋاتقان بىر پەيتتە، رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن، رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىدىكى ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرۈش توغرىسىدا پەقەت رۇسىيە، جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە ھۆكۈمەتلىرى قارار بېرەلەيدۇ، دەپ كۆرسەتتى.
مۇخبىرىمىز ئۆمەر قانات
2008.09.20

 ئامېرىكا بىرلەش ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيە باش مىنستىرى پۇتىن شەنبە كۈنى موسكۋادا بەرگەن باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيە ئەتراپىدىكى رايونلاردىن ھەربىي قىسىملىرىنى چېكىندۈرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. لېكىن جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىدىن قوشۇن چىكىندۈرۈشنىڭ ئالاھىدە بىر مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە باش مىنىستىرىنىڭ مەزكۇر باياناتى، رۇسىيىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىنىڭ تەلەپلىرىگە پىسەنت قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن.

ئامېرىكا ۋە ياۋرۇپا ئىتتىپاقى رۇسىيىنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ ئۆتكەن ئاي گروزىيە بىلەن ئۇرۇش باشلاشتىن بۇرۇنقى چېگرىسىغا چېكىندۈرۈشىنى تەلەپ قىلماقتا.

باياناتىدا، رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي ئوسسېتىيە ۋە ئابخازىيىنى رۇسىيە تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېتىش نىيىتى يۇقلىقىنى تەكىتلىگەن رۇسىيە باش مىنىستىرى پۇتىن، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ فېۋرال ئېيىدا كوسوۋانىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشى ئارقىلىق، رۇسىيىنىڭ ئابخازىيە ۋە جەنۇبىي ئوسسېتىيىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلغانلىقىغا قارشى سۆز قىلىش سالاھىيىتىنى يوقاتتى دەپ كۆرسەتتى.
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.