رۇسىيىدە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى


2008.03.02

يەكشەنبە كۈنى پۈتۈن رۇسىيە بويىچە پرېزىدېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 100 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بىلەت تاشلاشقا قاتناشقان مەزكۇر سايلامدا دمىترى مېدۋېدېۋنىڭ غەلىبە قىلغانلىقى جەزىملەشتۈرۈلدى.

رۇسىيىنىڭ " نەۋسرۇ" ئۇچۇر تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە ئېلان قىلىنغان نەتىجە بويىچە ئالغاندا، دمىترى مېدۋېدېۋ %64 ئاۋازغا ئېرىشكەن بولۇپ، كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبىرى گېننادىي زيۇگانوۋ %19 ئاۋازغا، ئەركىن دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى ۋلادىمىر ژىرىنوۋسكىي %12 ئاۋازغا ئېرىشكەن.

بۇ قېتىم تۆت نامزات سايلامغا چۈشكەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئۈچ نەپىرى پارتىيە -گۇرۇھلارغا مەنسۇپ بولسا، بىر نەپىرى ئۆز ئالدىغا سايلامغا قاتناشقان. بىراق، ئۇنىڭ نەتىجىسى ئەڭ تۆۋەن بولۇپ قالغان.

بۇ قېتىم سايلام رۇسىيە سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققاندىن كېيىنكى ئۈچىنچى پرېزىدېنت سايلىمى بولۇپ، مېدۋېدېۋ رۇسىيىنىڭ 3- پرېزىدېنتى بولىدۇ، ۋلادىمىر پۇتىن بولسا، ئىككى قېتىم پرېزىدېنت بولغان بولۇپ، رۇسىيە ئاساسىي قانۇنى بويىچە بىر ئادەمنىڭ ئۈچ قېتىم پرېزىدېنت بولۇش ھوقۇقى بولمايدۇ. ۋلادىمىر پۇتىن تاكى 5-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتەيدۇ ھەمدە 5-ئايدا رەسمىي مۇراسىم بىلەن يېڭى پرېزىدېنت دمىترى مېدۋېدېۋ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالىدۇ. ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.