تۈركىيىنى زىيارەت قىلىۋاتقان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن دۈشەنبە كۈنى ئەنقەرەدە تۈركىيە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. رۇسىيە بىلەن تۈركىيە ئىلگىرى ئۆز ئارا دۈشمەنلىشىپ كەلگەن دۆلەتلەر ئىدى.
ۋىلادېمىر پۇتىن يەكشەنبە كۈنى تۈركىيىگە يىتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇ تۈركىيىنى زىيارەت قىلغان رۇسىيىنىڭ تۈنجى پرېزىدېنتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
رويتىرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋىلادېمىر پۇتىن ئەنقەرەدە تۈركىيە پرېزىدېنتى ئەخمەد نەجدات سەزەر بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىن كىيىن، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا "بىز ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ھەر بىر ساھەگە كېڭەيتىشنى قارار قىلدۇق"، دېگەن.
مۆلچەرلەشلەرگە قارىغاندا، پۇتىن زىيارىتى جەريانىدا تۈركىيە بىلەن دۆلەت مۇداپىئە، ئېنېرگىيە ۋە سودا جەھەتتە ئالتە تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن دۈشەنبە كۈنى كەچتە تۈركىيە باش مىنىستىرى تايىپ ئەردوغان بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان بولۇپ، سۆھبەتتە تېررورچىلىققا قارشى ئۇرۇش ۋە چېچەن مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- پۇتىن ئۇكرائىنىيە پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشتى
- خىتاي نېفىت تۇرۇبىسى مەسىلىسىدە رۇسىيە بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمىدى
- پۇتىن خىتاي زىيارىتىدە تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇش مەسىلىسىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى
- رۇسىيە پرېزدېنتى پۇتىن خىتاينى زىيارەت قىلماقچى
- روسىيە پرېزىدېنتى ۋىلادېمىر پۇتىن كېلەر ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ
- خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ روسىيىدە كۆپىيىشى ئەندىشىلەرنى قوزغىماقتا