روسىيە ۋە خىتاي، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىشىش مېخانىزمى قۇرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى
چارشەنبە كۈنى، موسكۋادا ئۇچراشقان رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن ۋە خىتاي دۆلەت كومىسسارى تاڭ جياشۈەن، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىشىش مېخانىزىمى قۇرۇپ، ھەربىي ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاڭ جياشۈەن، پرېزىدېنت پۇتىنغا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق دۆلەت بىلەن بىخەتەرلىك مەسلىھەتلىشىش مىخانىزمى ئورناتمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، رۇسىيىنى ئىستراتېگىيىلىك ھەمكارلىق مەسىلىسىدە خىتاينىڭ ئاساسلىق شىرىكى دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە ۋە خىتاي خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە رايون خاراكتېرلىك مەسىلىلەر شۇنداقلا تىنچلىقنى قوغداش ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشۇش قاتارلىق مەسىلىلەردە ئاساسەن ئوخشاش كۆز قاراشقا ئىگە ئىكەن.
رۇسىيە پرېزىدېنتى پۇتىن، خىتاي بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقانلىقىنى تەقدىرلەپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سىياسىي، ئىقتىسادىي، بىخەتەرلىك ۋە ھەربىي جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ تىزدىن تەرەققى قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.(قانات)