خىتاي ھۆكۈمىتى رۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن موسكۋادىكى قاتىللىق دېلوسىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلدى


2006.05.21
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

رۇسىيە ۋە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى رۇسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن 19-ماي كۈنى موسكۋا شەھىرىدە يۈز بەرگەن بىر خىتاينىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنى تېز ۋاقىت ئىچىدە ئېنىقلاپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

رۇسىيىنىڭ "news.ru"، ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ موسكۋادىكى ئەلچىخانىسىمۇ مەخسۇس بۇ ھەقتە رۇسىيە ساقچى ئورگانلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، ئۆز پۇقراسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئەھۋالىنى ئېنىقلاشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مەسىلىگە ھازىر رۇسىيە بىلەن خىتاي يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلىرى كۆڭۈل بۆلمەكتە. رۇسىيە ساقچىلىرى دەسلەپكى قەدەمدە، بۇ خىتاي پۇقراسىنىڭ ئۆزى تۇرىۋاتقان ئۆينىڭ يېنىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى، جىنايەت گۇماندارلىرىنىڭ ئاسىيالىقلار بەلكى خىتايلار بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى بولسا، بۇ ئۆلۈم ۋەقەسىنىڭ موسكۋادىكى خىتاي جىنايى گۇرۇپپىلىرى بىلەن چېتىشلىقى بارلىقىنى كۆرسەرمەكتە.

رۇسىيە مەتبۇئاتلىرى رۇسىيە جۈملىدىن موسكۋادا خىتايلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ئۇلارنىڭ بۇ يەردە بېيجىڭ گۇرۇھى، شاڭخەي گۇرۇھى، شەرقىي شىمال گۇرۇھى دېگەندەك ئاساسلىق تۆت قارا قوللار گۇرۇھلىرىنىڭ خىتاي پۇقرالىرىنى بۇلاش، ئۆلتۈرۈش،پۇل ئېلىش، پاھىشىخانا ئېچىش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقىنى يېزىشقان ئىدى.

رۇسىيە ئۇچۇرلىرىغا قارىغاندا، ھازىر رۇسىيىدە خىتايلارنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش ئەھۋاللىرى ئېغىرلىشىپ قالغان بولۇپ، خىتايلار يەنە " تاقىرباشلار"دەپ ئاتالغان رۇس فاشىست گۇرۇپپىلىرىنىڭمۇ ھۇجۇم نىشانى بولغان. (ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.