رۇسىيە بىلەن ياپونىيە يادرو ئېنېرگىيىسى ھەمكارلىقى ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكەزمەكتە


2007.02.28

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 28 ‏- فېۋرال كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، رۇسىيىنىڭ باش مىنىستىرى مىخائىل فرادىكوۋ بىلەن ياپونىيە باش مىنىسىتىرى شىنزو ئابې ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنىېرگىيىسى ھەمكارلىقى ئورنىتىش ۋە بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك كەڭ دائىرىلىك مۇناسىۋەت تورى بەرپا قىلىش ئۈچۈن سۆھبەت باشلىغان.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىسىترلىقىنىڭ ئاشكارىلاپ قويۇشىچە، ياپونىيىنىڭ سودا مىنىستىرى ئاكىرا ئامارى ئەپەندىمۇ مۇناسىۋەتلىك رۇسىيە دائىرىلىرى بىلەن ياپونىيىنىڭ رۇسىيىدىن ئۇران تاۋلايدىغان ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىش، ياپونىيىنىڭ ئىزىسۇ شىركىتى رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ۋە سېبىرىيىدىن تىنچ ئوكيان ساھىللىرىغىچە قۇرۇلىدىغان نېفىت ۋە تەبىئىي گاز تۇرۇبىسىدىن ياپونىيىنىڭ بىمالال پايدىلىنىشى قاتارلىق تۈرلەر ھەققىدە تەپسىلىي سۆھبەتلىشىشكە باشلىغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى چېن گاڭ بۇنىڭدىن بىر كۈن بۇرۇن، ئامېرىكىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دىك چېينى بىلەن ۋە ياپونىيىدىكى ئەركىنلىك ۋە خەلقچىل پارتىيىسىنىڭ خىتاينىڭ "تىنچ باش كۆتۈرۈش" دېگەنلىرىنى بىر تەھدىت دەپ جاكارلىغانلىقىغا قاتتىق تەلەپپۇز بىلەن رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. (ۋەلى)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.