رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن ۋاپات بولدى
2007.04.23
رۇسىيىنىڭ سابىق پرېزىدېنتى بورىس يېلتسىن 76 يېشىدا رۇسىيىدە ئالەمدىن ئۆتتى. كرېملنىڭ باياناتچىسى ئالېكساندىر سمىرنوۋ، يېلتسىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى دەلىللىدى.
رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى رۇسىيە پرېزىدېنتلار مېدىتسىنا مەركىزىنىڭ باشلىقى سېرگېي مىرونوۋنىڭ ئېيتقانلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، يېلتسىن يۈرەك ھەرىكىتى تۇيۇقسىز توختاپ قېلىش سەۋەبلىك مەركىزى دوختۇرخانىدا قازا قىلغان.
بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 23 - ئاپرىل بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە يېلتسىن رۇسىيىنى دېموكراتىيە ۋە بازار ئىگىلىكى يولىغا مېڭىشقا قىستىغان دۆلەت ئەربابى بولسىمۇ، نۇرغۇنلىغان رۇس پۇقرالىرى ئۇنى دۆلەتنىڭ چۆكىشىگە رەھبەرلىك قىلغان دەپ ئەسلىشىدىكەن.
رۇسىيە ئىنتېرفاكس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سابىق سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاخىرقى پرېزىدېنتى مىخايلىس گورباچېۋ، يېلتسىنغا باھا بېرىپ: "ئۇنىڭ زىممىسىگە دۆلەتكە قىلغان نۇرغۇن ئۇلۇغ ئىش- ئىزلىرى ۋە يەنە كۆپلىگەن خاتالىقلىرى مۇجەسسەملەنگەن" دېگەن.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا، يېلتسىن رۇسىيىدىكى تۇنجى ئەركىن سايلانغان پرېزىدېنت بولۇش سۈپىتى بىلەن، پرېزىدېنتلىق ھاياتى ئىختىلاپلار بىلەن تولغان زات بولۇپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشقا ئىرادە بىلدۈرۈپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ تالان- تاراج قىلىنىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، قۇربى يەتمىگەن، ياكى خالىمىغان. ئۆزى ئىزچىل تۈردە ئەركىن مەتبۇئاتنى قوغداشتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن بولسىمۇ، بەلكى مەتبۇئاتنى كونترول قىلىشتا كامالەتكە يەتكەن، دەپ قارالماقتا.
ئۇ -1994 يىلى چېچېنىيىنىڭ رۇسىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى ئۇرۇش باشلىغان ۋە مىڭلىغان - ئونمىڭلىغان ئادەملەرنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەبچى بولغان. ئەمما -1996 يىلى مەغلۇپ بولۇپ ئەسكەر چىكىندۈرۈشكە مەجبۇر بولغان. بۇ ئۇرۇش ھېچنېمىنى ھەل قىلالمىغان بولسىمۇ، -1999 يىلى رۇس ئەسكەرلىرى چېچېنىيىگە يەنە ھۇجۇم قوزغىغان ئىدى.
يېلتسىن 1931- يىلى 1- فېۋرالدا ئورال تاغلىرى ئېتىكىدە دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 2007 - يىلى 23 -ئاپرىل 76 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. (جۈمە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياپونىيە، ئامېرىكا، ھىندىستان بىرلەشمە دېڭىز ئارمىيە مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
- رۇسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋىج ئالدى
- رۇسىيە ساقچىلىرى موسكۋادا نامايىشچىلارنى تۇتقۇن قىلدى
- رۇسىيە چەتئەللىكلەرنىڭ سودىسىغا چەك قويدى
- خۇ جىنتاۋنىڭ رۇسىيە زىيارىتىدىن ئىنكاسلار
- رۇسىيە بىلەن خىتاي ئىناق قوشنا، ياخشى دوست ۋە ياخشى شېرىك
- خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋا زىيارىتىنى باشلىدى
- خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ موسكۋاغا ئېنېرگىيە سودىسى قىلىش ئۈچۈن يېتىپ كەلدى
- خۇ جىنتاۋ كېلەر ھەپتىدە رۇسىيىنى زىيارەت قىلماقچى
- رۇسىيىدە يەكشەنبە كۈنى يەرلىك سايلام ئۆتكۈزۈلدى