چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى: شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى


2005.10.24

مەركىزى پارىژدىكى چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى يېقىندا بىر دوكلات ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنى دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى دەپ كۆرسەتتى.

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، شىنخۇئا ئاگېنتلىقى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ تەشۋىقاتىدا ۋە سۆز ئەركىنلىكىنى كونترول قىلىشىدا ئاساسلىق رول ئوينايدىكەن.

چېگرىسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى "شىنخۇا - دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەشۋىقات ئاپپاراتى" دېگەن بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتىنى يېزىشتا جەريانىدا، شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدىكى بەزى مۇخبىرلار، ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغان مۇخبىرلار ۋە شۇنداقلا ئىلگىرى شىنخۇئا ئاگېنتلىقىدا ئىشلىگەن فرانسىيىلىك مۇخبىرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇلار شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ قانداق قىلىپ ھەقىقەتنى بۇرمىلايدىغانلىقى، خەۋەر بەرگەندە قانداق قىلىپ كىشىلەردە بولۇپمۇ ئامېرىكا ۋە ياپونىيىگە بولغان دۈشمەنلىكنى قوزغىتىدىغانلىقى ۋە دۇنيادىكى ئەڭ قەبىھ بولغان بىر قىسىم ھاكىمىيەتلەرنى قوللايدىغان خەۋەرلەرنى تاللاپ بېرىدىغانلىقىنى پاش قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.