سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تالاش تارتىشلار داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00
sadam-olum.jpg
30 – دېكابىر كۈنى ئىراقنىڭ سابىق پرېزىدېنتى سادام ھۆسەيىن دارغا ئېسىلىش ئالدىدا. AFP

سادام ھۈسەيىن ئۆلگەندىن كېيىن تالاش تارتىشلار داۋام قىلماقتا. ئۇيغۇر دىيارىدىكى تور بەتلىردىمۇ سادام ھۈسەيىن ھەققىدە قىزغىن بەس مۇنازىرىلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، بۇ ھەقتە مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بىزگە تەپسىلى مەلۇمات بېرىدۇ.

سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلۈم جازاسى 2006-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى ئىجرا قىلىنغاندىن بېرى بۇ ھەقتىكى تالاش- تارتىشلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى. پۈتۈن دۇنيا خەلقلىرى ئارىسىدا بولغىنىدەك، ئۇيغۇرلار ئارىسىدىمۇ سادام ھەققىدىكى تالاش- تارتىشلار داۋام قىلماقتا.

بىزنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى توربەتلىرىدىن كۈزىتىشىمىزچىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا سادامغا مۇناسىۋەتلىك ھەرخىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ، تالاش -تارتىش مۇنازىرىلەر قىزىپ كەتكەن. تورداشلار مۇلاھىزىلىرىدە، سادامنىڭ زادى نىمە ئۈچۈن دارغا ئېسىلغانلىقى، سادامنى بىر قەھرىمان دېيىش كېرەكمۇ ياكى ئۇ بىر دىكتاتور، قاتىلمۇ دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر ئۈستىدە ئۆز ئارا مۇنازىرە قىلغان. بىز بۇ مۇلاھىزىلەردىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا سادامنىڭ زادى كىم ئىكەنلىكى، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىشنىڭ توغرا ياكى ئەمەسلىكى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەرگە جاۋاپ تېپىش ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كاللىسىدىكى تۈگۈنلەرنى يېشىشنى مەقسەت قىلدۇق. بىز مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىشتىن ئاۋال سادام ھۈسەيىننىڭ سوتقا تارتىلىشى ۋە ھۆكۈم ئېلان قىلىنىشى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتىمىز.

دۇجەيىل ۋەقەسى

ئىراقنىڭ ئۆرۈلگەن لېدىرى سادام ھۈسەيىن تىكرىت ئەتراپىدا بىر ئۆڭكۈردە ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن قولغا چۈشۈرۈلگەندىن كېيىن، سوتقا تارتىلغان ئىدى. ئۇ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇزۇن داۋام قىلغان سوت نەتىجىسىدە، دۇجەيىل قەتلىيامىدا 148 شىئەنى ئۆلتۈرگەنلىكى تۈپەيلىدىن ئۆلۈم جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان. مەشھۇر دۇجەيىل ۋەقەسى بولسا 1982-يىلى يۈز بەرگەن بولۇپ، ساددام ھۈسەيىن تۇپراق ئىگىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن دۇجەيىلگە بارغىنىدا خەلق ئىچىدىن ساددامغا قارىتىلىپ ئوق چىقىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن ساددام بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئىراق ئارمىيىسى شىئە خەلقى توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان دۇجەيىل رايونىنى ھاۋادىن بومباردىمان قىلغان. بومباردىماندا بالىلار ۋە ئاياللارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان 148 شىئە ئۆلگەن، نۇرغۇنلىرى قولغا ئېلىنغان. مانا بۇ دۇجەيىل ۋەقەسىدۇر. بۇلاردىن باشقا ئۇ يەنە نۇرغۇنلىغان تۈركمەنلەرنى ئۆز تۇپراقلىرىدىن سۈرگەن قىلغان، مىڭلارچە كورد خەلقىنى تىرىك كۆمگەن. ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيەت يىللىرىدا مانا مۇشۇنداق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمى بىر مىليون خەلقنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى تەخمىن قىلىنماقتا.

سادام تۈرمىلىرىدە ياتقان ژورنالىستنىڭ قاراشلىرى

بىز ئالدى بىلەن ئۇزۇن يىل ئىراقتىكى ساددام تۈرمىلىرىدە ياتقان، ژورنالسىت سادۇن كۆپرۈلۈ ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ ساددام ھۈسەيىن ئۆلگەن كۈننىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن بىر بايرام كۈنى بولغانلقىنى دېدى:

- مەن سادام مەزگىلىدە 17 يىل تۈرمىدە ياتتىم. تۇنجى قېتىم 10 ياش ۋاقتىمدا 8 ئاي تۈرمىدە ياتتىم. سادام ئۆلتۈرۈلگەن كۈن بىزنىڭ ئەڭ بەختلىك كۈنىمىز بولدى. نېمىشقا دىگەندە1991يىلىدا ئالتۇن كۆۋرۈك قىرغىنچىلىقىنى قىلغاندا 200دىن ئارتۇق 8 ياشتىن 80 ياشقىچە ئادەمنى قىرغىن قىلدى. بۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە يەنە 1980-يىلى 4 تۈركمەن لىدىرىنى ئۆلتۈردى. يەنە تېلافەردىمۇ بىر قانچە قېتىم قىرغىنچىلىق ئېلىپ باردى. ئىران -ئىراق ئۇرۇشىدا مىليونلارچە مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولدى. ئۇنىڭ گۇناھلىرى ساناپ تۈگەتكۈسىز. شۇڭا ئۇنى شېھىت دېگۈچىلەر ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا گۇناھ ئىشلىگەن بولىدۇ.

- سىز سادامنىڭ مىليونلارچە بىگۇناھ كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى دەۋاتىسىز، ئەمما بەزىلەر سادامنىڭ ئەرەپ دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈش يولىدا ئۆلگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىۋاتىدۇ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟

- ساددام ئۆزىنىڭ ئەرەپ قېرىنداش دۆلىتى بولغان كۇۋەيتنى ئىشغال قىلىپ يۈزلەرچە ئادەمنى ئۆلتۈردى. ئىران بىلەن 8 يىل ئۇرۇشتى. ھەتتا سەئۇدى ئەرەبىستاننى بېسىۋېلىش نىيىتىمۇ بار ئىدى. ئۇنى قانداقمۇ مۇسۇلمانلار ئۈچۈن ئۆلگەن شېھىت دېگىلى بولسۇن.

بىز يەنە ياۋروئاسىيا ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى ئارىف كەسكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، سادامغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى ھەققىدىكى كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى :

- سادام ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن 1979 - يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگىچە بولغان ئارىلىقتىكى سىياسىتىگە قارايدىغان بولساق سادام نۇرغۇن قىرغىنچىلىقلارنى ئېلىپ بېرىپ زور جىنايەتلەرنى ئىشلىدى. بۇلاردىن باشقا ئىران ۋە كۇۋەيتكە ھۇجۇم قىلىپ بۇ رايونغا پالاكەتلەرنى ئېلىپ كەلدى. بۇ نوقتىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، سادام ئۆلۈم جازاسىغا لايىق بىر ئىنسان. ئەمما ھازىر غەرب دۆلەتلىرىدە ئۆلتۈرۈلۈش شەكلى ۋە ئۇ كۆرۈنۈشلەرنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىلىشى مۇنازىرە قىلىنماقتا. بۇنداق كۆرسىتىلىشى سادام ئىشلىگەن گۇناھلارنى ئۇنۇتتۇرۇپ، ئەكسىچە ئۇنىڭغا كىشىلەرنىڭ ئىچ ئاغرىتىشىغا سەۋەپچى بولۇپ قالدى. ئەگەر ئۆلتۈرۈلۈش شەكلى قاتارلىقلار باشقىچە بولغان بولسىدى، كىشىلەردە بۇنداق خاتا چۈشەنچىمۇ پەيدا بولمايىتتى.

ئاخىرىدا ئۇيغۇر پائالىيەتچى ئابدۇللا تۇرسۇن ئەپەندىمنىڭمۇ ساددامنىڭ ئۆلۈمىگە بولغان كۆز قارىشىنى ئالدۇق. (ئەركىن تارىم)