سادام ھۈسەيىن 12 خىل ئەيىبلەشكە دۇچ كېلىشى مۇمكىن
2005.06.05
ببس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ باياناتچىسى 5-ئىيۇن كۈنى سادام ھۈسەيىننىڭ بەلكى 12 خىل ئەيىبلەشكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، بۇرۇن ئېيتىلغاندەك سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن 500 خىل ئەيىبلەش چىقىرىشنىڭ نامۇۋاپىق ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوقلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئىراق ھۆكۈمەت باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانى ئىككى ئاي ئىچىدە سوتلاشنى باشلاشتىن ئىبارەت. مەزكۇر باياناتچى يەنە بۇ 12 خىل ئەيىبلەشنىڭ سادام ھۈسەيىنگە نىسبەتەن ناھايىتى ئەڭ ئېغىر جازا بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان بۇ 12 خىل ئەيىبلەشنىڭ قاتارىغا ئۇنىڭ 1988-يىلى كۇردلارغا خىمىيىلىك قوراللار بىلەن زەربە بېرىشى، 1990-يىلى ئۇنىڭ كۇۋەيتكە ھۇجۇم قوزغىشى ھەمدە 1991-يىل، شىئە مەزھىپىگە مەنسۇپ مۇسۇلمانلارنى باستۇرۇشى ۋە باشقىلار كىرىدىكەن.
خەۋەرلەردە ئېيتىلىشىچە، ئەگەر سادام ھۈسەيىن ئۈستىدىن چىقىرىلغان كۆپ خىل ئەيىبلەشلەر ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۇنىڭ جىنايىتى بېكىتىلسە، بەلكى ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقىمۇ بار ئىكەن.
سادام ھۈسەيىن 2003-يىلى 12-ئايدا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن تۇتۇلغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- "خىمىيىلىك ئەلى" ئۇرۇش جىنايەتچىلەر سوت مەھكىمىسىدە سوتلىنىدۇ
- ئامېرىكىنىڭ ئىراقتا قورال تەكشۈرۈش دوكلاتى ۋە سادام -خىتاي مۇناسىۋىتى (3)
- ئىراقتىكى كۈرتلەر رايونىدا پارتلاش يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 50 كىشى قازا قىلدى
- ئىراقتىكى قارشىلىق كۆرسەتكۈچى كۈچلەرنىڭ ھۇجۇملىرى داۋاملاشماقتا
- ئىراقلىقلار، ئامېرىكا بىرلەشمە قوشۇنىغا نارازىلىق بىلدۈردى