سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىشى قايتا باشلاندى
2007.11.11
سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىزنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ جىددە شەھىرىدىن ئاڭلىتىش بېرىدىغان "تۈركىستانچە" رادىئو ئاڭلىتىشى 11 - نويابىر كۈنىدىن ئېتىبارەن قايتا باشلاندى. مەزكۇر ئاڭلىتىش سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاساسەن ئارىلىقتا بىر قانچە ئاي توختىتىلىپ قويۇلغان بولۇپ، تەرتىپكە سېلىش ۋە رەتلەشلەردىن كېيىن بۇ قېتىم قايتىدىن ئېچىلىپ ئۆز خىزمىتىنى باشلىدى.
مۇخبىرىمىزنىڭ ئىگىلىشىچە، تۈركىستانچە ئاڭلىتىش مەخسۇس ئۇيغۇر ئېلى ۋە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنى نىشان قىلىپ، 1982 - يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، دەسلەپتە بىر سائەت بېرىلگەن. 1999 - يىلىدىن كېيىن ئىككى سائەتكە چىقىرىلغان، بۇ مەزگىلدە ئۇيغۇر ۋە ئۆزبېك تىللىرىدا ئارىلاش ئاڭلىتىش بېرىلگەن بولسا، بۇ قېتىم كۈنىگە ئۈچ، يەنى ئۇيغۇرچە بىر يېرىم سائەت، ئۆزبېكچە بىر يېرىم سائەت بولغان ھەمدە ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئۆزبەك تىلىدىكى پروگراممىلار ۋاقىت ۋە باشقا جەھەتلەردىن ئايرىلغان. ھەممە خىزمەتچى خادىم 20 نەچچىگە يەتكۈزۈلگەن.
بۇ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندىن بېرىلىدىغان مەزكۇر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىلىرى بۇرۇنقىغا قارىغاندا يېڭىلانغان ۋە تولۇقلانغان بولۇپ، دىنىي پروگراممىلار يەنى قۇرئان تىلاۋەت، قۇرئانى كېرىمنىڭ تەپسىرى ۋە باشقىلار ئاساس قىلىنغاندىن سىرت يەنە خەلقئارا ۋە سەئۇدى خەۋەرلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقىنىڭ ۋەزىيىتى ھەم ئىجتىمائىي –ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا ئائىت پروگراممىلارمۇ ئۆز ئىچىگە ئېلىنغان.
ئىگىلىشىمىزچە ھازىر چەت مەملىكەتلەردىن ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىن باشقا سەئۇدى ئەرەبىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان ئۇيغۇر تىلىدا رادىئو ئاڭلىتىشى بېرىدۇ. 1947 - يىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش بەرگەن ئۆزبېكىستان خەلقئارا رادىئوسى بۇ يىل ئۇيغۇر تىلىدا ئاڭلىتىش بېرىشكە چەك قويغان. ئەسلىدە بۇ، دۇنيا بويىچە ئەڭ تارىخى ئۇزۇن ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ئىدى. (ئۈمىدۋار)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ۋاتىكان پوپى بەنىدىك XVI بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللا تۇنجى قېتىم سۆھبەتلەشتى
- ئۇيغۇر ئېلىدىكى سەككىز شەھەردە " شىنجاڭ تولۇق ئوتتۇرا سىنىپلىرى" تەسىس قىلىندى
- سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر كىيىم - كېچەك شىركىتى شىخەنزىگە 50 مىليون دوللار مەبلەغ سالدى
- ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكىنىڭ ئوفىتسېر تەربىيىلەش پىلانىدا ' ئۇيغۇر تىلى' مۇ بار
- ئۇيغۇر تىلى، ئامېرىكىدىكى ئىندىيانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقوغۇچىلار ۋە ئوفېتسىرلارغا ئۆگىتىدىغان ئىستراتېگىيىلىك تىللار ئارىسىغا كىرگۈزۈلدى
- 3 - ماي دۇنيا ئۇچۇر ئەركىنلىكى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ...
- بۇنىڭدىن كېيىن ئامېرىكىدىكى ۋىسكونسىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۇيغۇر تىلىدىنمۇ دەرس ئۆتىلىدۇ
- ئۇيغۇر زىيالىلار ئارىسىدا ئۇيغۇر تىلىنى قوغداش ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قوزغالدى
- ئۇيغۇر ئېلىدە بىر مىليوندىن ئارتۇق كىشى تېلېۋىزور كۆرەلمەيدۇ
- خىتاي ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراتقان تەشۋىقاتنى كۈچەيتمەكتە