ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىخەتەر بولمىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى


2007-09-13
Share

ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ، خىتاي ماللىرى ئەگەر ساقلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش بۇيىچە ، يەنە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىسە كېلەر ئاي ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياۋرۇپا ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېگېلىنا كۇنىۋانىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلانغاندىن كېيىن، خىتايغا قارىتا مەخسۇس دوكلات يوللاپ ، "ئەگەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردا يەنە مەسىلە كۆرۈلسە، خىتايدىن مەھسۇلات كىرگۈزۈشنى قەتئىي توختىتىدىغانلىقىنى" قارار قىلغان.

ئۆتكەن ئاي، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن بىخەتەر بولمىغان يىمەكلىك ۋە بالىلار ئويۇنچۇقىنى قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، قايتۇرۋىتىلگەن ئويۇنچۇقلار بىخەتەر بولمايلا قالماي، چىش پاستىسىدا خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددا بايقالغان ، بۇلاردىن سىرت يەنە ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئوزۇقلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ زەھەرلىك ماددا بايقالغان.

ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ يىمەكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2006 ‏- يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ %48 ىدە ھەر خىل مەسىلە بايقالغان بولۇپ، خىتاي مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى جەھەتتە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن دۆلەتلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاران %2 ىدە سۈپەت مەسىلىسى بايقالغان. (ئەقىدە)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت