ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىخەتەر بولمىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
2007.09.13
ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ، خىتاي ماللىرى ئەگەر ساقلىق ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتە ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش بۇيىچە ، يەنە تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىسە كېلەر ئاي ئىمپورت قىلىشنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا ئىستىمالچىلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش كومىتېتىنىڭ رەئىسى مېگېلىنا كۇنىۋانىڭ ئېيتىشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى خىتايدىن كىرگۈزۈلگەن ماللارنىڭ بىخەتەرلىكىدىن گۇمانلانغاندىن كېيىن، خىتايغا قارىتا مەخسۇس دوكلات يوللاپ ، "ئەگەر خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلاردا يەنە مەسىلە كۆرۈلسە، خىتايدىن مەھسۇلات كىرگۈزۈشنى قەتئىي توختىتىدىغانلىقىنى" قارار قىلغان.
ئۆتكەن ئاي، خىتاي ھۆكۈمىتى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىن بىخەتەر بولمىغان يىمەكلىك ۋە بالىلار ئويۇنچۇقىنى قايتۇرۇۋالغان بولۇپ، قايتۇرۋىتىلگەن ئويۇنچۇقلار بىخەتەر بولمايلا قالماي، چىش پاستىسىدا خىمىيىلىك زەھەرلىك ماددا بايقالغان ، بۇلاردىن سىرت يەنە ، ئۆي ھايۋانلىرىنىڭ ئوزۇقلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىدىمۇ زەھەرلىك ماددا بايقالغان.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىنىڭ يىمەكتىن باشقا مەھسۇلاتلارنى تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ تەكىتلىشىچە، 2006 - يىلى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان مەھسۇلاتلارنىڭ %48 ىدە ھەر خىل مەسىلە بايقالغان بولۇپ، خىتاي مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى جەھەتتە ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن دۆلەتلەر قاتارىدا بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. ھالبۇكى ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان گېرمانىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئاران %2 ىدە سۈپەت مەسىلىسى بايقالغان. (ئەقىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى بازاردىن قايتۇرۇش ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلان چىقتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن20 مىليون تال خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى
- خىتايدىكى ساختا ماركىلىق مال ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە
- خىتايدىكى بالىلارنىڭ بوتۇلكىلىرى، كىيىم-كېچەك ۋە ئويۇنچۇقلىرىنىڭ زەھەرلىك ئىكەنلىكى بايقالدى
- نىگېرىيىدە ئېچىلغان خىتاي دۇكانلىرىدىن 190 ى تاقىۋېتىلدى