ئامېرىكا، خىتايدا ياسالغان بىر مىليوندىن ئارتۇق بوۋاقلار كارىۋىتىنى يىغىۋالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
2007.09.22
ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرى جۈمە كۈنى، تۈزۈلمىسىدە بايقالغان خاتالىق تۈپەيلىدىن، خىتايدا ياسالغان بىر مىليون بوۋاقلار كارىۋىتىنى يېغىۋېلىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
ئامېرىكا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈزۈتىش كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدا ياسالغان بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ تۈزۈلمىسىدىكى خاتالىق، ھازىرغا قەدەر بىرى 9 ئايلىق يەنە بىرى 6 ئايلىق ئىككى بوۋاقنىڭ ئۆلۈشىگە سەۋەب بولغان ھەمدە 60 غا يېقىن، بوۋاقلارنىڭ ھاياتى ئۈچۈن خەتەرلىك ۋەقە يۈز بەرگەن.
كومىتېت، خىتايدا ياسالغان بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ 1988 - يىلىدىن 2007- يىلى ماي ئېيىغىچە، ئامېرىكىنىڭ پۈتۈن شەھەرلىرىدىكى ماگىزىنلاردا سېتىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، پۈتۈن خېرىدارلاردىن ئۆيلىرىدىكى بوۋاقلار كارىۋىتىنىڭ يېغىۋىلىنىشى توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقىرىلغان بوۋاقلار كارىۋىتى تىپىدىكى كارىۋات بولۇپ- بولمىغانلىقىنى تەكشۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى.
مۇلاھىزىچىلەر، ئامېرىكا مەھسۇلاتلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۈزۈتىش كومىتېتى تەرىپىدىن، خىتايدا ياسالغان بىر مىليون بوۋاقلار كارىۋىتىنى يېغىۋېلىش توغرىسىدا چىقىرىلغان ئۇقتۇرۇش، يېقىنقى ئايلاردا خىتايدا ياسالغان بالىلار ئويۇنچۇقى قاتارلىق بەزى مەھسۇلاتلارنى يېغىۋېلىش ھەققىدە چىقىرىلغان ئوقتۇرۇشلار سەۋەبىدىن ئامېرىكىدا خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارشى قوزغالغان گۇماننى تېخىمۇ كۆپەيتىۋىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئۆمەر قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ياۋرۇپا ئىتتىپاقى بىخەتەر بولمىغان خىتاي مەھسۇلاتلىرىغا قارىتا يەنە بىر قېتىم ئاگاھلاندۇرۇش بەردى
- خىتايدا ئىشلەنگەن ئويۇنچۇقلارنى بازاردىن قايتۇرۇش ھەققىدە ئۈچىنچى قېتىم ئېلان چىقتى
- ياۋرۇپا بىرلىكى خىتاينى مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتتە ئاگاھلاندۇردى
- ئامېرىكا ماتتېل شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىن20 مىليون تال خىتايدا ياسالغان ئويۇنچۇقلارنى يىغىۋالدى
- پېرۇ خىتايدا ياسالغان 60 توننا ئويۇنچۇقتا زەھەرلىك ماددا بايقىغان
- ئامېرىكا بىلەن خىتاي بىرلىشىپ دۆلەت ھالقىغان يۇمشاق دېتال ئۆزەكلىرى ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بەردى
- ئالاتاۋدا ئۆلچەمگە يەتمىگەن خىتاي چىش پاستىلىرى ئېكىسپورت قىلىشتىن چەكلەندى
- خىتايدىكى ساختا ماركىلىق مال ئامېرىكا -خىتاي سودا مۇناسىۋىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزمەكتە