ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنت كاندىداتلىرى تېلېۋىزوردا مۇنازىرە ئېلىپ باردى
2004.10.06
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزدېنتى دىك چەنى بىلەن دىمۇكراتلار پارتىيىسىدىن كىلىپ چىققان كېڭەش پالاتا ئەزاسى جون ئەدۋېرت سەيشەنبە كۈنى كەچتە ئوخايئو شتاتىدا، بۇ قېتىمقى پرېزدېنت سايلىمىدىكى بىردىنبىر مۇئاۋىن پرېزدېنت نامزاتلىرىنىڭ تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنى ئېلىپ باردى.
90 مىنوتلۇق مۇنازىرىدە، ئىككى كاندىدات ئىراق ئۇرۇشى، دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە دۆلەت ئىچىدىكى بەزى مەسىلىلەر بويىچە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. مۇنازىرىدە، دىك چېنى دىمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت نامزاتى جون كەررىينى ئىراق ئۇرۇشىدىكى مەيدانى ئۆزگۈرۈشچان دەپ تەنقىدلىدى. جون ئەدۋېرت بولسا، دىك چېنىنى ئىراق ئۇرۇشى مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقىگە تېخىچە راسىت گەپ قىلمىدى دەپ ئەيىپلىدى.
ئامېرىكا پرېزدېنتى جورج بۇش بىلەن دىمۇكراتلار پارتىيىسىنىڭ پرېزدېنت نامزاتى جون كەررىي جۈمە كۈنى ئىككىنچى قېتىملىق تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىنى ئېلىپ بارىدۇ. ھازىرقى بەزى خەلق رايىنى سىناشلارغا قارىغاندا، سايلىغۇچىلارنىڭ ئىككى كاندىداتنى قوللاش دەرىجىسى بىر بىرىدىن قېلىشمايدىكەن. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- ئامېرىكا پرىزىدېنت نامزاتلىرى تاشقى سىياسەت ئۈستىدە مۇنازىرە ئېلىپ باردى
- بۇش، پرىزدېنت سايلىمىنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى بولۇشنى قوبۇل قىلدى
- ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ ۋەكىللەر قۇرۇلتىيى ئاخىرقى كۈنىگە قەدەم قويدى
- ئامېرىكا جۇمھۇريەتچىلىرىنىڭ قۇرۇلتىيى ئۆتكۈزىلدى
- چېچىنىيەدە پرىزدېنت سايلىمى ئۆتكۈزىلدى