ئامېرىكا مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتلىرى ئىراق ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەر بويىچە مۇنازىرە ئېلىپ باردى

ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتى دىك چېنىي بىلەن دىمۇكراتلار پارتىيىسى مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتى جون ئېدۋارتس ئوتتۇرىسىدىكى ئاق ساراينىڭ خوجايىنلىق ھوقۇقىنى تالىشىش يولىدا ئېلىپ بېرىلغان سەيشەنبە كۈنكى تۇنجى ۋە ئاخىرقى قېتىملىق مۇنازىرە، ئىراق ۋەزىيىتى ۋە ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە چېتىلدى. 90 مىنۇت داۋاملاشقان مۇنازىرە جەرىيانىدا دىك چېنىي، پرىزىدېنت بۇشنى ماختىدى ۋە ئۇنىڭ سىياسىتىنى ئاقلىدى. جون ئېدۋارتس، ئۆزى ۋە دىمۇكراتلار پرىزىدېنت نامزاتى جون كەررىينىڭ ئامېرىكا خەلقىنى توغرا يولغا باشلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

مۇئاۋىن پرىزىدېنت دىك چېنىي ئىراق ئۇرۇشىنى ئاقلاپ، سابىق ئىراق دىكتاتۇرى ساددام ھۈسەيىن بىلەن ئال- قايدە تەشكىلاتىنىڭ تەشكىلى مۇناسىۋېتى بارلىقىنى، ئىراققا ھەربىي ھەركەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئامېرىكىنى قوغداش نۇقتىسىدىن زۆرۈرلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : "بىزنىڭ ئىراقتىكى ھەركىتىمىزنىڭ ئاساسلىق كونكىرىت نىشانى تېرورچىلار بىلەن كەڭ كۆلەمدىكى قىرغىنچىلىق خارەكتىرلىك قوراللار ئوتتۇرىسىدا مۇناسىۋەت بولۇش ئىھتىماللىقىغا قارىتىلغان. بۈگۈن بىز دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ تەھدىت، تېرورچىلارنىڭ يادرو قورالى ياكى بىئولۇگىيەلىك قورالارنى بىرەر شەھەرىمىزگە ئوغۇرلۇقچە ئېلىپ كىرىپ، يۈزلىگەن ياكى مىڭلىغان ئامېرىكىلىقنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سېلىش ئىھتىماللىقىدۇر".

دىك چېنىي، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ ئىراقتىكى ھەركىتىنى مۇنداق دەپ ئاقلىدى : " بىز ئىراق مەسىلىسىدە قانداق قىلغان بولساق توغرا قىلغان بولاتتۇق. ئەگەر بۇلارنىڭ ھەممىسىنى مېنىڭ قايتا قىلىشىمغا توغرا كەلسە، مەن يەنىلا ئوخشاش ھەركەت قىلىشنى تەكلىپ قىلغان بولاتتىم. كەڭەشپالاتا ئەئازاسى، دىمۇكراتلار مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتى جون ئېدۋارتس، مۇئاۋىن پرىزىدېنت دىك چېنىينى ئىراق تەھدىتى، ئىراق ئۇرۇشىنىڭ ۋاشىنگتون ۋە نيۇ- يوركلاردىكى 11 - سىنتەبىر تەرۇرلۇق ھۇجۇمى بىلەن بولغان مۇناسىۋېتى مەسىلىسىدە ئامېرىكا خەلقىغە راستچىل بولمىدى" دەپ ئەيىپلىدى.

ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: "بۇ يەردە 11 - سىنتەبىر ۋەقەسى بىلەن ساددام ھۇسەيىننىڭ ھىچقانداق مۇناسىۋېتى يوق، بۇنى 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش كومېتىتىمۇ ئېيتتى، سىزنىڭ تاشقى ئىشلار مىنىستىرڭىزمۇ سۆزلىدى، بىراق سىز پۇتۇن مەملىكەتكە بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋېتى بار دەۋاتىسىز. بۇ يەردە بۇنداق بىر مۇناسىۋەت يوق ".

جون ئېدۋارتس، ئافغانىستاندا قورشاۋ ئىچىدىكى ئۇساما بىن لادېننىڭ رەھبەرلىكتىكى خاتا سىياسەتلەر تۈپەيلىدىن قېچىپ كەتكەنلىگىنى ئىلگىرى سۈردى. ئېدۋارتس، دىك چېنىي بىلەن خوللىبېرتون شىركىتىنىڭ مۇناسىۋېتىنى تەنقىت قىلدى. ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى بىلەن ئىراقتىكى ئامېرىكا قىسىملىرىغا ئارقا سەپ مۇلازىمىتى قىلىش كېلىشىمى تۈزگەن خوللىبېرتون شىركىتى، قانۇنسىز پايدا ئېلىش بىلەن ئەيىپلەنگەن. دىك چېنىي 4 يىلنىڭ ئالدىدا مەزكۇر شىركەتنىڭ باش مۇدىرى ئىدى. ئۇ، جۇمھۇرىيەتچىلەرنىڭ مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتلىقىنى قوبۇل قىلغاندا خوللىبېرتوننىڭ باش مۇدىرلىقىدىن ئىستىپا بەرگەن. دىك چېنىي دىمۇكراتلارنىڭ مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتىنى، خوللىبېرتون بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، سايلىغۇچىلارنى قايمۇقتۇرماقتا دەپ ئەيىپلىدى.

ئىككى پارتىيە مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇنازىرە، ئوخايۇ شتاتىنىڭ كلىۋېلاند شەھرىدىكى كەيس ۋېستېرن رىزېرۋﯤ ئۇنىۋېرسىتىتىدا ئېلىپ بېرىلدى. ئىككى پارتىيە مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ مۇنازىرىسى ئىقتىسادى مەسىلىلەرگىمۇ چېتىلدى. جون ئېدۋارتسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكىلىقلار جىددى ئىقتىسادى مەسىلىلەرگە دۇچ كەلمەكتە. ئۇ مۇنداق دەيدۇ : ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىق سەۋەبىدىن مىليونلىغان خەلق خىزمىتىدىن ئايرىلدى. مىليونلىغان كىشى نامراتلار قاتارىغا چۈشۈپ قالدى. ھەممە نەرسىنىڭ باھاسى ئۆرلىگەن بولسىمۇ كىشىلەرنىڭ ئائىلە كىرىمى تۆۋەنلىدى. داۋالاش ھەققىنىڭ يۇقۇرىلىقى ئاخىرقى تۆت يىل ئىچىدە مىسلى كۆرۈلمىگەن رىكورت ياراتتى.

جون ئېدۋارتس دىك چېنىيغا مۇنداق دەپ خىتاپ قىلىدى : "مۇئاۋىن پرىزىدېنت ئەپەندى، بۇ دۆلەت سىزنىڭ ھاكىمىيىتىڭىزنى يەنە تۆت يىل كۆتۈرەلەيدۇ دەپ قارىمايمەن". بىراق، دىك چېنىي جون ئېدۋارتسنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەردىكى تەنقىتىنى رەت قىلدى. ئۇ، ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىۋاتقانلىغىنى، بۇش ھۆكۈمىتىنىڭ باج قىسقارتىش سىياسىتىدىن ئامېرىكىلىقلارنىڭ مەنپەئەتدار بولىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. جون كەررىي بىلەن جون ئېدۋارتسنىڭ ئىقتىسادى مەسىلىلەردىكى سىياسىتىنى تەنقىتلىگەن دىك چېنىي مۇنداق دەيدۇ : مېنىڭچە كەررىي بىلەن ئېدۋارتس ئاساسلىقى باجنى ئۆستۈرمەكچى بولىۋاتىدۇ، شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ گرازدانلار شەخسى تۇرمۇشىغا بولغان كونتروللىقىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنىۋاتىدۇ. بۇ قېتىمقى مۇنازىرە ئىككى پارتىيە مۇئاۋىن پرىزىدېنت نامزاتلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم، شۇنداقلا ئاخىرقى قېتىم مۇنازىرە قىلىشى بولۇپ قالىدۇ. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۆرۈشىچە، مۇنازىرىدە ھەر ئىككى تەرەپ بىر- بىرىنى يېڭەلمىگەن.(ئەركىن)