ئۇيغۇر بالىلىرى رۇسىيىنىڭ نوۋوسىبىرسك شەھىرىدىكى سەنئەت فېستىۋالىدا نەتىجە قازاندى


2007-07-08
Share

ئىگىلىشىمىزچە يېقىندا رۇسىيىنىڭ ئاتاقلىق پەن-تېخنىكا شەھىرى نوۋوسىبىرسك يەنى يېڭى سىبىرىيە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆسمۈرلەرنىڭ 3-نۆۋەتلىك خەلقئارالىق سەنئەت مۇسابىقىسىگە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بالىلار ۋەكىلى سۈپىتىدە بىر گۇرۇپپا ئۆسمۈر قاتناشقان.

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر مۇسابىقىدە ئۇيغۇر ئېلى ئۆمىكى ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتىغا ھەمدە 1- دەرىجىلىك تەمبۇر چېلىش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. بۇلاردىن باشقا يەنە بالىلار ئۇسۇلى، بالىلارنىڭ ساز چېلىش ماھارەتلىرىمۇ مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولغان.

ئون نەپەر ئۆسمۈردىن تەركىپ تاپقان ئۇيغۇر ئېلى ئۆمىكى 3-ئىيۇل كۈنى غەلىبىلىك ھالدا ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە رۇسىيە، قازاقىستان، موڭغۇلىيە ۋە باشقا بىر قىسىم مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقى ئەللىرىنىڭ 300 گە يېقىن ئۆسمۈر سەنئەتكارى ئىشتىراك قىلغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى ياخشى نەتىجە قازانغان.

رۇسىيىنىڭ ئالتاي ئۆلكىسى ۋە ئالتاي جۇمھۇرىيىتى ھەمدە نوۋوسىبىرسك شەھىرى ئۇيغۇر ئېلىغا ئەڭ يېقىن جايلار بولغانلىقى ئۈچۈن ، بۇ جايلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلى بىلەن بىۋاسىتە سودا-ئىقتىساد ھەم مەدەنىيەت ئالاقىلىرى ئېلىپ بېرىشى قويۇقلاشقان.(ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت