سەپەر مۇرات تۈركمەنبېشى دەپنە قىلىندى

0:00 / 0:00

يۈرەك كېسىلى بىلەن 12-ئاينىڭ21 -كۈنى ۋاپات بولغان تۈركمەنىستان دۆلەت باشلىقى سەپەر مۇرات تۈركمەنبېشى 12-ئاينىڭ 25-كۈنى دۆلەت مۇراسىمى بىلەن دەپنە قىلىندى. ئۇ كۈنى تۈركىيىدىمۇ بايراقلار يېرىم چۈشۈرۈلدى.

تۈركىيە رەھبەرلىرى مۇراسىمدا

تۈركىيىنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسى TRTint نەق مەيداندىن تارقىتىش بەردى. تېلېۋىزىيەدە كۆرسىتىلىشىچە 25-چىسلا ئەتىگەندە تۈركمەنبېشىنىڭ جانازىسى تۈركمەنىستاننىڭ پايتەختى ئاشخاباتتىكى دۆلەت رەئىسى سارىيىدا زىيارەتكە ئېچىلدى. تۈركمەنبېشىنىڭ تاۋۇتىنى زىيارەت قىلغان خەلق ئۇ يەرنى گۈل چىچەكلەرگە پۈركىۋەتتى. كېيىن چەتئەللىك مېھمانلار تاۋۇتنى زىيارەت قىلىپ زىيارەت دەپتىرىگە تەزىيە سۆزلىرىنى يېزىشتى. تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان، باش مىنىستىر مۇئاۋىنى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇللاھ گۈل، ئورمانچىلىق مىنىستىرى ئوسمان پەپە ۋە ئېنېرگىيە مىنىستىرى ھىلمى گۈلەر بىلەن بىرلىكتە كۆپ ساندا پارلامېنت ئەزاسى ۋە كارخانىچىلار مۇراسىمغا قاتناشتى. ئەردوغان باشچىلىقىدىكى تۈرك ھەيئىتى تۈركمەنبېشىنىڭ ئوغلى مۇرات نىيازوۋ ۋە ئائىلىسىگە تەزىيەلىرىنى بىلدۈردى. باش مىنىستىر تەزىيە دەپتىرىگە تەزىيەنامىسىنى يازدى ۋە مۇخبىرلارغا ئوقۇپ ئۆتتى.

"تۈركمەنىستاننىڭ قۇرغۇچىسى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ قىممەتلىك دۆلەت ئەربابىنى يوقاتقانلىقىمىز ئۈچۈن كۆڭلۈمىز ئىنتايىن يېرىم. دۆلىتىم ۋە مىللىتىم نامىدىن قېرىنداش تۈركمەنىستان خەلقىگە ئوخاشاشلا ماتەم تۇتماقتىمىز. دۆلىتى ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ خىزمەتلەرنى قىلغانلىقى ۋە تۈركىيە بىلەن تۈركمەنىستان ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە چوڭ تۆھپىلەرنى قوشقانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئەسلا ئۇنۇتمايمىز".

مەملىكەت بويىچە 7 كۈنلۈك ماتەم

TRTint تېلېۋىزىيىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، جۇمھۇر رەئىسى سارىيى ئالدىدىكى مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركمەنبېشىنىڭ جانازىسى ئۇنىڭ تۇغۇلغان يېزىسى بولغان قىپچاق يېزىسىغا ئاپىرىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەڭ چوڭ مەسچىتى ھېسابلىنىدىغان تۈركمەنبېشى روھى مەسجىتىنىڭ يېنىدىكى ئائىلە مازارلىقىغا دەپنە قىلىندى. تۈركىيە بۇ مۇراسىمغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولۇپ، تۈركىيىدە بايراقلار بىر كۈن يېرىم چۈشۈرۈلگەندىن باشقا دەپنە مۇراسىمىغا قاتنىشىش ئۈچۈن باش مىنىستىر باشچىلىقىدا 100 كىشى تۈركمەنىستانغا باردى. تۈركمەنىستاننىڭ ئەڭ چوڭ ئىمامى روسەن ئاللاھبەردىيەۋ قىلدۇرغان جانازا نامىزىدىن كېيىن باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان قىپچاق يېزىسىدىن ئايرىلدى. تۈركمەنلەرنىڭ ئادىتى بويىچە جانازىغا قاتناشقان ھەممە كىشىگە قارا تۇماق كىيگۈزۈلدى. تۈركمەن خەلقى ئەڭ كۆپ كىشىنىڭ تۈركىيىدىن قاتناشقانلىقىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى، بۇ قېرىنداشلىق مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلماسلىقى كېرەكلىكىنى دېدى. تۈركمەنىستاندا 7 كۈن ماتەم ئېلان قىلىنغان بولۇپ، كوچىلار جىمجىت، ئىش يەرلىرى ئېچىلمىغان. تۈرك مەتبۇئاتلىرىدا يېزىلىشىچە، تۈركمەن خەلقىنىڭ ھەممىسى ماتەمنى بىلدۈرىدىغان قارا تۇماق كېيگەن بولۇپ، كۆڭۈل ئېچىش مەركەزلىرى 7 كۈن بويىچە ئېچىلمايدىكەن.

تۈركمەنىستان ھەققىدە

دۇنيادا ئۆزىنىڭ قىزىقارلىق ئىجرائەتلىرى بىلەن دىكتاتور دەپ تونۇلغان تۈركمەنبېشىغا توغرا باھا بېرىش ئۈچۈن 1991-يىلىغا قايتىش لازىم. تۈركمەنىستان رۇسلار تۈركىستاندا بېسىۋالغان ئەڭ ئاخىرقى تۇپراق. 1881-يىلىدا تۈركمەنلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى مىللىي ئارمىيىسى ئاشخاباتتا رۇسلارغا يېڭىلگەندىن كېيىن تۈركمەنىستان رۇسلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان. 1899-يىلىدا تۈركىستان ئومۇمىي ۋالىلىككە باغلانغان. 1917-يىلىدىكى بولشېۋىك ئىنقىلابىدىن كېيىن تۈركمەنلەر مۇستەقىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان بولسىمۇ بولشېۋىكلەر 1920-يىلىدا تۈركمەنىستاننى تەكرار بېسىۋالغان. 1925-يىلىدا سوۋېت ئىتتىپاقىغا رەسمى باغلانغان. سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلى تۈركمەنلەر ئۈچۈن ئەڭ زۇلمەتلىك مەزگىل ھېسابلىنىدۇ. تۈركمەنىستان مۇستەقىللىكىگە ئېرىشكەندە، سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئارقىدا قالغان رايونى ھېسابلىناتتى. 488 مىڭ 100 كۇۋادىرات كىلومېتىر بولغان تۈركمەن تۇپرىقىنىڭ بەشتىن تۆتى قارا قۇرۇم چۆلىدىن ئىبارەت. بۇنداق تۇرۇقلۇق موسكۋا ھۆكۈمىتى ئۇلارنى پەقەتلا شال بىلەن پاختا ئىشلەپ چىقىرىشقا مەجبۇرلاپ تۈركمەنىستاننىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلىقىنى بۇزۇۋەتكەن. بالدۇر ئۆلۈم نىسبىتى 1988-يىلىدا دۇنيانىڭ ئوتتۇرىچە نىسبىتىدىن ئىكى قات يۇقىرى ئىدى. موسكۋا ئۇزۇن يىللار بۇ دۆلەتنى سۆمۈرگەن. تۈركمەنىستان مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەن ۋاقتىدا 4 يېرىم مىليون نوپۇسقا ئىگە بولۇپ، بۇنىڭ 78 پىرسەنتى تۈركمەن ئىدى. تۈركمەنلەر 7 چوڭ، 24 كىچىك قەبىلىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، قەبىلىلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكى تەكە قەبىلىسىدۇر. ئىككىنچى كۈچلۈك قەبىلە بولسا ھازىرقى ئۆكتىچىلەر تەۋە بولغان سالار قەبىلىسىدۇر.

ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندىنىڭ تۈركمەنبېشىغا باھاسى

تۈركىيە 21-ئەسىر ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئۈمىت ئۆزداغ ئەپەندى مۇلاھىزە ماقالىسىدە تۈركمەن بېشى ھەققىدە مۇنداق دەپ يازغان: تۈركمەنىستان مۇستەقىللىقىگە ئېرىشكەن ۋاقتىدا مىللى روھ ئىنتايىن ئاجىز ئىدى. تۈركمەنىستاننىڭ دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇشىنىڭ ئاساسىنى يارىتىش ئۈچۈن مىللى كىملىكنى كۈچلەندۇرۇدىغان ۋاقىتقا ئېھتىياجى بار ئىدى. ساغلام بىر مىللى كىملىك شەكىللەندۈرەلمىگەن جەمئىيەتلەردە دېموكراتىيەنى ئورنىتىش مۇمكىن ئەمەس. تۈركمەن بېشى بۇ مەزگىلدە ئۆزىنى مەركەز قىلغان ھالدا بىر دىكتاتورلۇققا قاراپ ماڭدى. ئەگەر تۈركمەنىستان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدىن كېيىن مۇستەقىل بولغان بولسىدى، تۈركمەنبېشىنىڭ بۇ دىكتاتورلۇقىنى ئۆز خەلقى ۋە دۇنيا خەلقى قوبۇل قىلغان بولاتتى. ئەمما تۈركمەنبېشىنىڭ بەزى مۇبالىغىلەشتۈرلگەن ئىجرائەتلىرى دۇنيانىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى.

ئۇ ماقالىسىدە يەنە، تۈركمەن بېشىنىڭ پەقەتلا ئايلارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى، سوۋېت ئىتتىپاقى مەزگىلىدە يوقىتىلغان تۈركمەن مىللى ئەنئەنىسىنى جانلاندۇرغانلىقىنى، يوقىلىشقا يۈزلەنگەن ئىسلام دىنىنى قايتا جانلاندۇرغانلىقىنى يازغان. ئۇ يەنە، سەپەر مۇرات تۈركمەنبېشىنىڭ دۆلىتىنى رۇسلارنىڭ تەسىرىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن تۈركىيە بىلەن يېقىنلاشقانلىقىنى، تۈركىيىدىن يېتەرلىك دەرىجىدە جاۋاپ ئالالمىغانلىقى ئۈچۈن تۈركمەنىستاننى تەرەپسىز دۆلەت دەپ ئېلان قىلغانلىقىنى دېگەن.