ۋاڭ جيارۇينىڭ پيوڭياڭدىكى دىپلوماتىك پائالىيىتى " تىمتاس ۋە جىددى" داۋاملىشىۋاتىدۇ


2005.02.21

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پيوڭياڭغا يوللىغان يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارىنىڭ شىمالى كورىيىنى يادرو قوراللار سۆھبەت ئۈستىلىگە قايتۇرۇپ كېلىش يولىدىكى دىپلوماتىك پائالىيىتى تىمتاس ۋە جىددى ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.

كومپارتىيە مەركىزى كومىتېتى تاشقى مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ۋاڭ جيارۇينىڭ شىمالى كورىيىدىكى زىيارىتى شەنبە كۈنى باشلانغان. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ زۇۋانى "خەلق گېزىتى"، ۋاڭ جيارۇينىڭ ھەپتە ئاخىرى شىمالى كورىيە رەھبىرى كىم جۇڭ - ئىل بىلەن ئۇچرىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىراق ھازىرغىچە ھەر ئىككىلا تەرەپ كىم جۇڭ - ئىل بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سۆھبەت توغرىسىدا ھېچقانداق ئۇچۇر ئېلان قىلمىدى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى شۇنداقلا خىتاي كومپارتىيىسى ئاخبارات باياناتچىلىرىنىڭ دۈشەنبە كۈنى ۋاڭنىڭ زىيارىتى ھەققىدە توختالمىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.

خىتاي ۋە شىمالى كورىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋاڭ جيارۇي يەكشەنبە كۈنى شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتىدىكى 2 - نومۇرلۇق ئەرباپ كىم يوڭ نام بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى "تاسس"، كىم يوڭ نام بىلەن ۋاڭ جيارۇينىڭ سۆھبىتى 3 سائەت داۋاملاشقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. "تاسس" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، پيوڭياڭدىكى چەتئەللىك كۆزەتكۈچىلەر " تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىختىلاپنىڭ ئىنتايىن چوڭقۇرلۇقىنى" تەكىتلىگەن. بۇ ئارىدا دۈشەنبە كۈنى ياپونىيە ئىچكى كابىنت سېكرىتارى خوسادا، ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە جەنۇبىي كورىيىلەرنىڭ پات ئارىدا شىمالى كورىيە يادرو قوراللار مەسىلىسى بويىچە 3 تەرەپ يىغىنى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.