شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ھەپتىدە بىر كۈن ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن، كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىش مەسىلىسى قايتىدىن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلىپ قىلدى. ھازىر ئالتە تەرەپ سۆھبىتىدىكى ھەر تەرەپ شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىيە يولى بىلەن ھەل قىلىش جەھەتتە ئۆزىنىڭ زور تىرىشچانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.
ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ھەپتىدە بىر كۈن ئىچىدە ئۇدا 7 قېتىم باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندىن كېيىن، ياپونىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ 7 - ماددىسىغا بىنائەن، شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىش ھەققىدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىگە تەكلىپ قويغان ئىدى. ياپونىيىنىڭ تەكلىپى ئەنگىلىيە، فرانسىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.
شىمالىي كورىيە كرىزىسىغا دائىر ھەر قانداق تەدبىر ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق بېجىرىلىشى كېرەك
بۇ تەكلىپ گەرچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە مۇزاكىرە قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بىخەتەرلىك كېڭىشىدە رەت قىلىش ھوقۇقى بار ۋە ھازىر شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى ھەل قىلىدىغان ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قاتنىشىۋاتقان دۆلەتلەردىن خىتاي بىلەن رۇسىيە شىمالىي كورىيىگە ئىقتىسادىي جازا قوللىنىشقا قارشى تۇرغانلىقتىن، بۇ ھەقتە بىر قارار ئېلىنمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە، شىمالىي كورىيىگە چېگرىداش ۋە ئېتنىك جەھەتتە ئوخشاش بولغان جەنۇبىي كورىيىمۇ شىمالىي كورىيە كرىزىسىنى دىپلوماتىيە ئارقىلىق ھەل قىلىشنى ئۈمىد قىلغان ۋە ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورىيىگە قاتتىق تەدبىر قوللانماسلىقىنى تەلەپ قىلغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە بولسا ئامېرىكىغا قارىتا، ئەگەر ئامېرىكا شىمالىي كورىيىنىڭ بانكا ھېسابلىرىنى توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، بولۇپمۇ شىمالىي كورىيىنىڭ ماكاۋدىكى بانكا ھېسابىنى توڭلىتىشنى ئەمەلدىن قالدۇرسا، ئۇ دەرھال ئالتە تەرەپ سۆھبىتىگە قايتىپ كېلىدىغانلىقىنى ياكى ئامېرىكا بىلەن بىۋاستە سۆھبەتلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئامېرىكىنىڭ ئالتە تەرەپ سۆھبەت ۋەكىلى كرىستوفېر خىلل ئەپەندى شىمالىي كورىيە ئوتتۇرىغا قويغان ئالدىنقى شەرتلەرنى رەت قىلغان. خىلل ئەپەندى سۆزىدە يەنە 'شىمالىي كورىيە كرىزىسىغا دائىر ھەر قانداق تەدبىر ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ئارقىلىق بېجىرىلىشى كېرەك' دەپ تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىمالىي كورىيىنىڭ پىنيوڭ شەھىرىدىن تارقاتقان خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 7 - ئاينىڭ 10 - كۈنى خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇي لياڭيۈ شىمالىي كورىيىنىڭ پىنيوڭ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 'خىتاي -چاۋشەن دوستلۇق-ھەمكارلىق شەرتنامىسى' نىڭ 45 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان. ئۇ سۆزىدە خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ ئەنئەنىۋىي دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى مەدھىيىلىگەن ۋە خىتاينىڭ شىمالىي كورىيە بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى داۋاملىق تۈردە تەرەققى قىلدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. خىتاينىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى خۇي لياڭيۈ شىمالىي كورىيە بىلەن يەنە 'خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيە ھۆكۈمەتلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىقتىسادىي تېخنىكا ھەمكارلىق كېلىشىمى' ئىمزالىغان.
خەلقئارا ئەھدىنامىلارغا قىلىنغان خىلاپ
خىتاي ئۇچۇر مەركىزىنىڭ 'كۆزىتىش ژۇرنىلى'دا بايان قىلغان مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، شىمالىي كورىيە ئۆتكەن ھەپتىدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغاندا، كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا بىر نەچچە يولۇچىلار ئايروپىلانى ۋە ئۇنىڭدىكى 1100 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە قالغان. ئۇنىڭدا بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە ئۆزىنىڭ يەرلىك ۋاقتى بۇيىچە 7 -ئاينىڭ 5 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 3 تىن 32 مىنۇت ئۆتكەندە تۇنجى قېتىم سىناق قىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا شەرقىي دېڭىزغا چۈشۈپ كېتىشتىن سەل بۇرۇنلا، جەنۇبىي كورىيە ئاۋىئاتسىيە شىركىتىنىڭ چىكاگو شەھىرىدىن رېنچۇن ئايرودرومىغا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋاتقان يولۇچىلار ئايروپىلانى دەل شۇ جايدىن ئۆتكەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 3 تىن 5 كىچە بولغان ئارىلىقتا يەنە، شىمالىي كورىيە ئۇدا باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلىۋاتقاندا، نيۇيورك شەھىرىدىن كەلگەن ك ئې 082 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، ئاتلانتادىن كەلگەن ك ئې 036 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، ۋاشىنگتوندىن كەلگەن ك ئې 094 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى، چىكاگو شەھىرىدىن كەلگەن يەنە بىر ك ئې 038 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى بولۇپ، جەمئى 4 يولۇچىلار ئايروپىلانى شىمالىي كورىيە باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىناق قىلغان رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدىن ئۆتكەن. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ ھېچقايسى بۇ رايوندىكى ھاۋا تېررىتورىيىسىگە كېرىش ياكى كىرمەسلىك ھەققىدە ئالدىن ھېچقانداق ئاگاھلاندۇرۇش تاپشۇرۇپ ئالمىغان. شۇ كۈنى بۇ رايوننىڭ ھاۋا بوشلۇقىدا مىڭلىغان يولۇچى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىغان. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، شىمالىي كورىيە شۇ كۈنى 'خەلقئارا خەلق ئاۋىئاتسىيىسى قاتنىشى ئەھدىنامىسى' ، 'خەلقئارادا دېڭىز ئۈستىدىن ئۆتكەن كىشىلەرنىڭ ھاياتىنى قوغداش ئەھدىنامىسى' قاتارلىق خەلقئارالىق ئەھدىنامىلارغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان. (ۋەلى)