شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو بومبا سىنىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى چۈچۈتتى


2006.10.09

شىمالىي كورىيە دۈشەنبە كۈنى مۇۋاپپەقىيەتلىك ھالدا تۇنجى يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى جاكارلاپ، يادرو سىنىقىدا رادىئاكتىپلىق بۇلغىنىش ۋەقەلىرى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە "يادرو سىنىقى كورىيە يارىم ئارىلى ۋە رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشقا پايدىلىق "دەپ تەكىتلىگەن شىمالىي كورىيە مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقى، يادرو سىنىقىنى "تارىخىي ۋەقە " دەپ ئاتىدى.

جەنۇبىي كورىيە دائىرىلىرىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، يادرو سىنىقى بۇ دۆلەتنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى بىر تاغ باغرىغا جايلاشقان ئۆڭكۈردە ئېلىپ بېرىلغان. پرېزىدېنت بۇش شۇ كۈنى يادرو سىنىقىنى "ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكەت " دەپ ئەيىبلىدى. ئۇ، شىمالىي كورىيىنىڭ تەھدىتىگە قارشى " دۇنيا چوقۇم ئىنكاس قايتۇرىدۇ " دەيدۇ.

پرېزىدېنت بۇشنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ئۇ جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، خىتاي ۋە رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن بۇ مەسىلە توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرغان. خىتاي، شىمالىي كورىيە يادرو سىنىقىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن ياپونىيە ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە شىمالىي كورىيىنى جازالاش تەكلىپى سۇنۇشى مۇمكىن. لېكىن كۈزەتكۈچىلەرنىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بۇ تەكلىپنى قوللاش- قوللىماسلىقىغا ھازىرچە بىر نېمە دېگىلى بولمايدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.