شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا جىددىيلىك پەيدا قىلدى

0:00 / 0:00
NK200.jpg
72112369 نامايىشچىلار 9 – ئۆكتەبىر كۈنى كورېيىنىڭ پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن شىمالىي كورىيىگە قارشى نامايىشتا شىمالىي كورىيىنىڭ رەھبىرى Kim Jong-Il نىڭ رەسىمىنى كۆيدۈرمەكتە. AFP (JUNG YEON-JE/AFP)

شىمالىي كورىيىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى 9 ‏- ئۆكتەبىر كۈنى تۇنجى قېتىم يەر ئاستى يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى خەۋەر قىلدى، ئۇنى شىمالىي كورىيىنىڭ ھەربىيلىرى ۋە خەلقى ئۈچۈن خوشاللىق ئىش، كورىيە يېرىم ئارىلى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردا تىنچلىقنى قوغداش ئۈچۈن پايدىلىق، دەپ جاكارلىدى.

دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان تەھدىت

'بىرلەشمە ئاگېنتلىقى'نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇش مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە 'ئاخشام شىماليى كورىيە ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى پۈتۈن دۇنياغا جاكارلىدى. بىز ھازىر بۇنى ئېنىقلاۋاتىمىز. مەيلى ئۇنىڭ نېمە بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، شىمالىي كورىيە ئۆز خاھىشى بويىچە قىلغان بۇ ئىش دۇنيا تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە قىلىنغان تەھدىت، ئامېرىكا بۇنى كىشىنى غەزەبلەندۈرىدىغان ھەرىكەت دەپ ھېسابلايدۇ.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى جورجى بۇشنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇ بۈگۈن خىتاي ۋە جەنۇبىي كورىيە، ياپونىيە، رۇسىيە رەھبەرلىرى بىلەن تېلېفون ئارقىلىق سۆزلەشكەن. ئۇلارنىڭ ھەممسى، شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنى قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان ھەرىكەت دەپ قارىغان، شۇنداقلا يەنە كورىيە يېرىم ئارىلىنى يادرو قوراللىرىدىن خالى قىلىشنى قايتىدىن تەكىتلىگەن. ئەمدى ب د ت نىڭ بىخەتەرلىك كومىتېتى شىمالىي كورىيىگە جاۋاب قايتۇرىدۇ.

كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا جىددىيلىك پەيدا قىلماقتا

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرى 10 ‏- ئاينىڭ 9 ‏- كۈنى (دۈشەنبە كۈنى) ئەتىگەن سائەت 10 دىن 36 مىنۇت ئۆتكەندە شىمالىي كورىيىنىڭ شىمال تەرىپىدە 3 پۈتۈن يۈزدە 58 دەرىجىلىك يەر تەۋرەشكە باراۋەر كېلىدىغان بىر قېتىملىق پارتلاش يۈز بەرگەنلىكىنى بايقىغان. رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرى شىمالىي كورىيىدە قۇدرىتى 15 توننىلىق يادرو بومبىسى سىناق قىلىنغانلىقىنى ئېنىقلىغان. جەنۇبىي كورىيە ئۇچۇر ۋاستىلىرى پارتلاش يۈز بەرگەن جاي شىمالىي كورىيىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى خۇاتەي ۋىلايىتى دائىرىسىدە، ئېگىزلىكى 360 مېتىرلىق بىر تاغنىڭ تېگىدىكى تونىلدا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىدى ۋە بۇنىڭغا قارىتا دەرھال ئىنكاس قايتۇرۇپ، شىمالىي كورىيىگە ياردەم بېرىدىغان ئەشيالارنى توشۇشنى دەرھال توختىتىدىغانلىقىنى، شىمالىي كورىيىنىڭ كەلگۈسى ھەرىكىتىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن دەرھال ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ بىرلىكتە ھەرىكەت قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەۋەردە بايان قىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ۋەقەدىن 20 مىنۇت بۇرۇن ئامېرىكىغا ۋە ياپونىيىگە خەۋەر قىلغان ۋە بۇ ھەقتە پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ 'شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى خەلقئارا جەمئىيەتنى كۆزىگە ئىلمىغانلىق، بۇنىڭغا خىتاي ھۆكۈمىتى قەتئىي قارشى تۇرىدۇ' دەپ جاكارلىغان. ۋەقەدىن كېيىن، ياپونىيە دەرھال تەدبىر قوللىنىشقا باشلاپ شىمالى كورىيىگە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن بىر پەۋقۇلئاددە گۇرۇپپا قۇرغان. ئومۇمەن، ھازىر شىمالى كورىيىنىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقى پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا جىددىيلىك پەيدا قىلدى.

شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەربىي تەييارلىقلارنى تېزلەتمەكتە

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خەلقئارالىق كرىزىس گۇرۇپپىسى دېگەن خەلقئارالىق تەشكىلاتنىڭ شەرقىي ئاسىيا شۆبىسىنىڭ مۇدىرى پىتېر م. بېك ئەپەندى 'شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو ھەرىكىتى پۈتۈن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىدە ھەربىي تەييارلىقلارنى بىردىنلا تىزلىتىۋەتتى. ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ھەربىي خام چوتىنى ئاشۇرۇشقا باشلىدى. تەيۋەن، جەنۇبىي كورىيە ۋە ياپونىيىلەر ئاللىقاچان يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپچىقىش قابىلىيىتىگە ئىگە بولغان دۆلەتلەر. ئەگەر كېرەك بولسىلا ئۇلار بىر يىل ئىچىدە يادرو قوراللىرىنى ئىشلەپ چىقىدۇ' دېگەن. پىتېر بېك ئەپەندى خىتاي بىلەن شىمالىي كورىيىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالغاندا 'شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى يادرو ھەرىكىتى خىتاينىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈشىگىمۇ ئىمكانىيەت قالدۇرمىدى، خىتاي كېچىكتى. كىشىلەر ھازىر بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ كورىيە مەسىلىسىدە قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە' دېگەن.

شىمالىي كورىيە ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك جەنۇبىي كورىيىنىڭ شىمالىي كورىيە مۇتەخەسسىسى لې دۇڭ بۇك ئەپەندى 'شىمالىي كورىيىنىڭ بۇ قېتىمقى ھەرىكىتى ئىككى كورىيە مۇناسىۋىتىنى بۇزدى. ئەمدى جەنۇبى كورىيە شىمالىي كورىيە بىلەن بىرلىكتە ئىقتىسادىي پەۋقۇلئاددە رايۇن قۇرۇش پىلاندىن ۋاز كېچىدۇ. شىمالىي كورىيە بۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىگە ئۆزى جاۋابكار بولۇشى كېرەك' دېگەن. لې دۇڭ بۇك ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئەگەر شىمالىي كورىيە بېيجىڭ بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلمىسا، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن كېيىن ياپونىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سېپىگە قېتىلىپ كېتىش ئېھتىمالى يوق ئەمەس. (ۋەلى)